23
ۋە ﺑﯩﺰ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ۋە ﺑﯜﮔﯜﻥ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ————————————————————————————————————————————————— ﺑﯧﺘﻰ ﺗﻮﺭ ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺏ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ/ com . uyebook . www :// http 1 ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻧﯩﯔ>> ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ<< ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﺴﻰ: ﺟﺎﻻﻟﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﻳﺎﺳﯩﻐﯘﭼﻰ ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺏ: >> ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﻰ ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺏ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ<< ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﯘﭼﻰ ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺏ: ﺗﻮﺭﻯ ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺏ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭcom . uyebook . www ﻳﺎﻛﻰcn . uyebook . www >> ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯗ ﺩەپ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻖ ﻳﻪﺭﺩە، ﻳﻮﻕ ﺑﯩﻠﯩﻢ. __ << ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻗﯩﻠﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ۋە ﺧﯩﻴﺎﻝ ﺧﺎﻡ ﻗﯧﻠﯩﺶ، ھﻪﻳﺮﺍﻥ ﺑﯩﻠﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﺭەۋﯨﺸ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻧﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯨﺪﯗ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ ﺗﻪﺳﻪۋۋﯗﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺘﯩﻜﻰ. ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﻮﻳﯘﻕ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺗﯜﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﯩﯟﻯ ﻗﯩﺴﺴﻪ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ھﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﺭﯨﻠﯩﺸﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ۋە ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﻯ ۋە ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻨﻪﺯەﺭ، ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻧﯩﻠﯩﺪﯗ ﺑﻮﻟﯘپ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻧﺪﯨﺴﻰ ﻳﺎﺭﻗﯩﻦ ﺑﯩﻠﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ. ﭘﻪﻥ ﺗﻮۋﻟﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻗﯩﻘﺎﻥ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﻪۋﺟﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺷﻮﺋﺎﺭﻟﯩﺮﻯ- ﺩەﻝ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩەۋﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺳﯜﺭەﻧﻠﯩﺮﯨﺪە ﻗﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ ﺗﺎﺱ ﻛﯧﺘﯩﺸﻜﻪ ﺋﯘﻧﺘﯘپ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﺨﻰ ﭘﻪﻧﻨﯩﯔ. ﻗﯩﺴﺴﯩﻠﯩ ﻳﺎﺭﺍﻟﻤﯩﺶ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩەﺱ ﺋﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ھﯧﺴﺎﺑﻘﺎ ﻧﯘﻗﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﺑﻪﺯﻯ ﺮﻯ ﺑﯩﺮ- ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ ﺋﻮﺧﺸﺎپ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ. >> ﻛﻪﺭﯨﻢ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ<< ﺋﻜﺰﻯ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩەﺱ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻣﻪﻧﺒﻪﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﻠﻪﻥ- ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﻳﺪﯗ ﻗﺎﻳﺘﺎ. ﻳﺎﺭﺍﻟﻤﯩﺶ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯧﺘ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﯩﺴﻰ ﯩﻘﺎﺩ- ﻳﺎﺭﺍﻟﻤﯩﺶ ﺋﯘﺭﯗﺷﻠﯩﺮﻯ ﭘﯩﺮﻗﯩﯟﺍﺯﻟﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻗﯩﺪە ﺗﯜﺭﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛۋەﺗﻜﻪﻥ ﻗﯩﺴﺴﯩﺴﯩﻨﻰ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺗﺎﺳﺎﺩﯨﭙﯩﻴﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﮕﺎﻧﻪ ھﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰ، ﻗﯩﺴﺴﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺭﺍﻟﻤﯩﺶ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﺘﯩﻜﻰ ۋە ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﻨﻰ ﺋﯩﻼھﻨﻰ، ﻳﺎﺭﯨﻠﯩﺸﻰ- ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﺷﻪﺭﺕ ﻣﻪۋﺟﯘﺩﺍﺗﻨﻰ ﺗﯜﻣﻪﻥ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨ ﯩﯔ ﺋﯚﺯ- ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺕ، ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﯩﻼھ، ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺑﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﭼﯧﺘﯩﻠﯩﺪﯗ ﺳﺎھﻪﮔﻪ ﻛﯚپ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ھﺎﻟﻘﺎ ﺑﯩﺮ ھﻪﺭ ﺗﯜﺯﯛﻟﯜپ، ھﺎﻟﻘﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ. ﻗﯩﺴﺴﯩﺴﯩﺪە ﻳﺎﺭﺍﻟﻤﯩﺶ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ھﯧﻜﺎﻳﻪ ۋە ﺋﻮﺑﺮﺍﺯ ھﺎﻟﻘﯩﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺑﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ.

Abdiqadir jalalidin[(uyghurlar vqvn bilim)digen kitabidin ariye ]

Embed Size (px)

Citation preview

Page 1: Abdiqadir jalalidin[(uyghurlar vqvn bilim)digen kitabidin ariye ]

مىللهت ، بۈگۈن ۋە كهلگۈسىبىز ۋە

————————————————————————————————————————————————— com.uyebook.www://http/ ئۇيغۇر ئېلكىتاب تور بېتى

1

ناملىق >> ئۇيغۇرالر ئۈچۈن بىلىم<<ئاپتورنىڭ يېزىلىۋاتقان كىتابىدىن پارچه

ئابدۇقادىر جااللىدىن: يازغۇچىسى

دىن ئۇيغۇر ئوغلى>>ئۇيغۇر ئېلكىتاب گۇرۇپپىسى<<: ئېلكىتاب ياسىغۇچى ئۇيغۇر ئېلكىتاب تورى: ئېلكىتاب تارقاتقۇچى

com.uyebook.www ياكى cn.uyebook.www

بىر ئاقىلنىڭ ئاغزىدىن>> __ .بىلىم يوق يهردە، نادانلىق ئۆزىنى بىلىم دەپ ئاتايدۇ<<

بىلىش تارىخى ئىنسانىيهت ئهجدادىنىڭ دەسلهپكى بىلىشلىرىنىڭ ھهيران قېلىش، خام خىيال ۋە

بۇنداق بولغاندا، . تىكى تهسهۋۋۇرالردىن ئىبارەت ئىكهنلىكىنى مۇئهييهنلهشتۈرىدۇتۈرلۈك رەۋىش

دۇنيا ۋە ئىنساننىڭ يارىلىشى ھهققىدىكى تۈرلۈك قىسسه ئهپسانىۋى تۈسىنىڭ قانچىلىكى قويۇق

بولۇشىدىن قهتئىينهزەر، ئىنسانالرنىڭ ئۆزى ۋە ئۆزى بىلهن ئالهم ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش

بۈگۈن توۋلىنىۋاتقان پهن . بىلىشلىرىنىڭ يارقىن نامايهندىسى بولۇپ سانىلىدۇتوغرىسىدىكى

سۈرەنلىرىدە يىراق دەۋرلهردىكى ئهپسانىلهرنىڭ دەل - شوئارلىرى ئۆزىنىڭ ئهۋجىگه چىققان قىقان

.پهننىڭ بىخى ئىكهنلىكىنى ئۇنتۇپ كېتىشكه تاس قېلىۋاتىدۇ

رى بهزى ئىنچىكه چىقىش نۇقتىلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا مۇقهددەس كىتابالردىكى يارالمىش قىسسىلى

ئۆزىدىن بۇرۇنقى مۇقهددەس كىتابالرنىڭ ئكزى >> قۇرئان كهرىم<<. بىرىگه ئوخشاپ قالىدۇ-بىر

شۇنىڭدىن قارىغاندا، يارالمىش . قايتا تهكىتلهيدۇ- بىلهن بىر مهنبهدىن ئىكهنلىكىنى قايتا

ئهقىدە تارىخىدىكى پىرقىۋازلىق ئۇرۇشلىرى يارالمىش - ىقاد قىسسىسى ئهسلىدە بىر بولۇپ، ئېت

.قىسسىسىنى تۈرلهشتۈرۈۋەتكهن

يارالمىش قىسسىسىدىن مهلۇمكى، ئىنسان ھهرگىزمۇ يېگانه بىر تاسادىپىيلىق ئهمهس، ئۇنىڭ

ىڭ ئىنسانن. تۈمهن مهۋجۇداتنى شهرت قىلىدۇ- يارىلىشى ئىالھنى، كائىناتنى ۋە كائىناتتىكى تۈرلۈك

ئۆزىنى بىلىشى، ئىنسان بىلهن ئىالھ، ئىنسان بىلهن كائىنات، ئىنسان بىلهن ئىنسان - ئۆز

يارالمىش قىسسىسىدە . ھالقىلىرىدىن تۈزۈلۈپ، ھهر بىر ھالقا ناھايىتى كۆپ ساھهگه چېتىلىدۇ

.بىلىشنىڭ مهزكۇر ھالقىلىرى ئوبراز ۋە ھېكايه ئارقىلىق كۆرسىتىلىدۇ

Page 2: Abdiqadir jalalidin[(uyghurlar vqvn bilim)digen kitabidin ariye ]

مىللهت ، بۈگۈن ۋە كهلگۈسىبىز ۋە

————————————————————————————————————————————————— com.uyebook.www://http/ ئۇيغۇر ئېلكىتاب تور بېتى

2

رىۋايهتلهر ھهر قايسى ئىقلىمدىكى قهبىله ۋە - يارىلىشى ھهققىدىكى ئهپسان دۇنيا ۋە ئىنساننىڭ

: ئۇيغۇرالر ئارىسىدىمۇ قاراخان تهڭرى توغرىسىدا ئهپسانىلهر بولغان . مىللهتلهردە ناھايىتى نۇرغۇن

قاراخان تهڭرى ئۆز كارامىتىنىڭ نىشانىسى سۈپىتىدە . بۇرۇن زېمىن ۋە ئاسمان يوق ئىكهن

سۇ >> كىشى<<. نىڭ ئاستىغا ماكانالشتۇرغانىكهن)دېڭىز ( يارىتىپ، ئۇلۇغ بىر كۆل نى >>كىشى<<

ئاستىدا بهك ئۇزاق ياشاپ زېرىكىپ كېتىپتۇ ۋە ئازادە بىر جايغا چىقىرىپ قويۇشنى قاراخان

گه چامىڭنىڭ يېتىشىچه تۇپراق ئېلىپ سۇ يۈزىگه >>كىشى<<قاراخان تهڭرى . تهڭرىدىن ئۆتۈنۈپتۇ

ئېتىكىنى ۋە قوۋۇزىنى تۇپراق بىلهن تولدۇرۇپ، قاراخان >> كىشى<<. ىن، دەپ ئهمر قىپتۇئېلىپ چىقق

. زېمىن ئاپىرىدە بوپتۇ-تهڭرىنىڭ دېگىنى بويىچه، تۇپراقنى سۇ يۈزىگه قويۇپتۇ، شۇنىڭ بىلهن يهر

رىدە قوۋزىدىكى تۇپراقنى بوشلۇققا پۈركىگهنىكهن، ئۇنىڭدىن ئاسمان، كۈن، ئاي، يۇلتۇزالر ئاپى

ئالهمنىڭ ئاقساقىلى بوپتۇ، ئۇنىڭدىن ئهۋالدالر پهيدا >> كىشى<<شۇنىڭدىن ئېتىبارەن . بوپتۇ

قىسىم، غهيرەتجان - 3>> ئۇيغۇر خهلق رىۋايهتلىرى<<( بوپتۇ، ئۇنىڭ نهسلى يوقىمايدىغان بوپتۇ

- 1هشرى، يىل ن- 1998ئوسمان نهشرگه تهييارلىغان، شىنجاڭ ياشالر ۋە ئۆسمۈرلهر نهشرىياتى

بۇ ئهپسانه مۇقهددەس كىتابالردىكى يارالمىش قىسسىسى بىلهن بهزى تهرەپلهردە ئوخشاپ ). بهت

لېكىن ئۇنىڭدا ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خهلقلهرنىڭ سۇ ۋە تۇپراقنى ئۇلۇغالش ئهقىدىلىرىمۇ . كېتىدۇ

ىلهن سۇغۇرۇلغان، مىجهز ب- تامامهن دېگۈدەك ئىنسانىي خۇي >> كىشى<<. ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ

لېكىن ئۇنىڭ جىسمى كائىناتنىڭ بىر پۈتۈن قۇرۇلمىسى بىلهن يۇغۇرۇلۇپ كهتكهن، ھهرىكىتى بولسا

نىڭ مهۋجۇتلۇقى ۋە ھهرىكىتىدە روھىي ۋە >>كىشى<<. تهڭرىنىڭ بۇيرۇقى بىلهن قوشۇلۇپ كهتكهن

-هتنى ئىپتىدائىي ئىلىم رىۋاي-ئهپسانه . ماددىي بارلىقنىڭ خۇسۇسىيهتلىرى بىردەك ئهكس ئېتىدۇ

پهن، دەپ قارىساق، ئۇنىڭدا يىراق ئهجدادالرنىڭ ئالهم ۋە ئادەم ھهققىدىكى قاراشلىرى

لېكىن . بۇ قاراشالر خىيالىي تۈسكه باي بولغىنى ئۈچۈن ئوبرازلىق ئهكس ئېتىشكه تهييار. مۇجهسسهم

ىلالر بىلىش جهريانىنىڭ بهزى خىيالىي ئوبرازالردا ئۆزىگه اليىق ئهقلىي ئامىلالر باركى، بۇ ئام

.خۇسۇسىيهتلىرىنى روشهن نامايان قىلىدۇ

دېگهن ئهسىرىدە، ھىندىستان، >> قهدىمكى قۇرۇقلۇق مۇ<<: ئىنگلىز پولكوۋنىكى جېمس چېرچىۋارد

مىڭ يىل 17مېكسىكا قاتارلىق جايالردىن تاپقان تاش پۈتۈكلهردىن ھېروگلىفالرنى يېشىش ئارقىلىق

تىكى يارالمىش قىسسىسى >>تهۋرات<<ۇرۇقلۇقىدا پۈتۈلگهن يارالمىش قىسسىسىنىڭ بۇرۇنقى مۇ ق

ئاپتورنىڭ مۇئهييهنلهشتۈرۈشىچه، قهدىمكى . بىلهن ئاساسهن ئوخشاش ئىكهنلىكىنى بايقايدۇ

ھىندىستان، مىسىر ۋە بابىلون مهدەنىيهتلىرى ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى پارالق مهدەنىيهتتىن قالغان بىر

غ بولۇپ، مۇ قۇرۇقلۇقىنىڭ چۆكۈشى گويا پارالق ئانا مهدەنىيهتنىڭ يىتتۈشىدىن قانچه تال چو

قهدىمكى قۇرۇقلۇق مۇغا ئائىت پۈتۈكچىلهرنىڭ مهزمۇنىدىن قارىغاندا، يهتته باشلىق . ئىبارەت ئىدى

-يهتته باشلىق يىالن يهتته ئهقىل . يىالن ياراتقۇچى، ماھىيهتلىك كۈچ سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ

Page 3: Abdiqadir jalalidin[(uyghurlar vqvn bilim)digen kitabidin ariye ]

مىللهت ، بۈگۈن ۋە كهلگۈسىبىز ۋە

————————————————————————————————————————————————— com.uyebook.www://http/ ئۇيغۇر ئېلكىتاب تور بېتى

3

ئىدراكقا ئىگه بولۇپ، ئۇنىڭدىن كهلگهن يهتته بۇيرۇق بىر پۈتۈن ئالهمنى روياپقا كهلتۈرىدۇ

.) يىللىق سانلىرى- 2004ژۇرنىلىنىڭ >> بۇالق<<(

مهن كىم ؟ مهن نهدىن كهلدىم ؟ نهگه <<. ئادەم ئۆز مهۋجۇدىيىتىنىڭ سىرلىرىغا يهتكۈسى كېلىدۇ

ھازىرمۇ . بىر ئىنساننىڭ بىلىش پىلتىسىگه ئوت بوپكهلدىدېگهندەك سوئالالر ھهر>> ...بارىمهن؟

مۇ قۇرۇقلۇقىدىن . پهنلهر زامانىۋى ئۈسكۈنىلهرنىڭ ياردىمىدە ئاشۇ سوئالالرغا جاۋاب ئىزدىمهكته

ئېرىشىلگهن يارالمىش قىسسىسىدە ئالهمنىڭ پهيدا بولۇشى ۋە ئۇنىڭ ۋاقىت قانۇنى ئېنىق ئهكس

نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇرالر ئهنه شۇ يارالمىش ئهتكهن بولۇپ، جېمس چېرچىۋارد

ئالهم مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدىكى -قىسسىسىنىڭ ھهقدارى سۈپىتىدە، بىلىش تارىخىدىكى ئادەم

.ئهپسانىۋى يېشىمدە پېشقهدەملهردىن ھېسابلىنىدۇ

Carl ) نىدىكى كارل بېرېتېرتورونتو ئۇنىۋېرسىتېتى ئونتارىئو ئىنستىتۇتى مائارىپ تهتقىقات ئور

Bereiter ) <<ئاۋامىي نهزەرىيه<<دېگهن ئهسىرىدە >> بىلىم دەۋرىدىكى مائارىپ ۋە ئاڭ <<

كارل بېرېتېرنىڭ ئىزاھلىشىچه، . دېگهن بىر ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ( folk theory ئىنگلىزچه(

ىلهرنىڭ قاراشلىرى بولۇپ، ئۇ ئاۋامىي نهزەرىيه پهننىي نهزەرىيه بولمىغان ئهھۋالدىكى كىش

ئاساسهن ئىپتىدائىي ئىنسانالر ھهم پهننىي مائارىپ تهربىيىسى كۆرۈشكه تېخى ئۈلگۈرمىگهن

. ئاۋامىي نهزەرىيه تهكشۈرۈپ ئېنىقالنمىغان، سۈزۈلمىگهن ھالدا مهۋجۇد بولىدۇ. بالىالردا بولىدۇ

ال ئىدىيه، خاتىرە، دەلىل، ( commonsense Pyscholog ) ئادەتته، ساۋات پسىخولوگىيىسى

ئهگهر ئاڭ بىلهن ئوبيېكتىپ دۇنيا ئوتتۇرىسىدىكى . پىالن، مهقسهت ۋە پرىنسىپالرنى چۈشهندۈرىدۇ

ئاۋامىي . مۇناسىۋەت توغرا بولسا، بۇنىڭدىن بىلىم، ناتوغرا بولسا ساختا ئهقىدە ھاسىل بولىدۇ

كارل ( ش نهزەرىيىسىدىن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ نهزەرىيه بولسا ساۋات پسىخولوگىيىسى بىلهن ساۋاتىي بىلى

، الۋرىنس ئېرلىبوم جهمئىيىتى نهشر >ئىنگلىزچه >> < بىلىم دەۋرىدىكى مائارىپ ۋە ئاڭ<<: بېرېتېر

بىر ساۋاتسىز دېهقان بوتانىكا ئۇقۇملىرىدىن خالىي ). يىل نهشرى - 2002، >ئامېرىكا < قىلدۇرغان

بۇنداق ئهھۋالنى تېبابهت، . پ ھوسۇل ئېلىشى مۇمكىنھالدا زىرائهتچىلىك بىلهن شۇغۇللىنى

يازغۇچى زۇنۇن قادىرىينىڭ . ھۈنهرۋەنچىلىكى ساھهلىرىدىن ئوخشاشال ئۇچرىتىش مۇمكىن

بۇ موماي زۇنۇن قادىرىينىڭ . ناملىق ئهسىرىدە پىرىزىخان ئىسىملىك بىر موماي بار>> خاتىرىلهر<<

ئۆسمۈر زۇنۇن . سۈپىتىدە كۆڭۈل قويۇپ تهسۋىرلىنىدۇبالىلىقىدا ئاالھىدە تهسىر قالدۇرغان شهخس

پىرىزىخان موماي . قادىرىي توڭ ئالمىنى توال يهپ، يامغۇردا قېلىپ، بېقىنىدا سانجىق تۇرۇپ قالىدۇ

ئۇنى ئۆيىگه ئهكىرىپ بىر سىقىم تهرتهزنى يىلىمان سۇغا چېلىپ، ئۇنى ماتا لۆڭگىگه سۇۋاپ، بېقىنىغا

ئۆسمۈر زۇنۇن قادىرىينىڭ گېلى ئاغرىپ قالسا، موماي . قاپ كېتىدۇتېڭىپ قويسا، سانجىق يو

بۇنداق ئىش مېنىڭ . بارمىقىنى قازاننىڭ كۈيىسىگه سۇۋاپ، تامىقىنى كۆتۈرۈپ قويسا ساقىيىپ كېتىدۇ

ئۇ . گېلىم ئاغرىپ قالسا ھهمىدىخان ئىسىملىك بىر موماينىڭكىگه باراتتىم. بالىلىقىمدىمۇ بولغان

Page 4: Abdiqadir jalalidin[(uyghurlar vqvn bilim)digen kitabidin ariye ]

مىللهت ، بۈگۈن ۋە كهلگۈسىبىز ۋە

————————————————————————————————————————————————— com.uyebook.www://http/ ئۇيغۇر ئېلكىتاب تور بېتى

4

نى بارمىقى بىلهن كۆتۈرۈپ قوياتتى، بهزىدە مېنى بوسۇغىدا ياتقۇزۇپ، گېلىمغا بوش بهزىدە تامىقىم

ئۆسمۈر زۇنۇن قادىرىي يهنه پىرىزىخان . دەسسهپ قوياتتى، شۇنىڭ بىلهن گېلىم ساقىيىپ قاالتتى

موماينىڭ كاۋا چېچىكىنى ئۈزۈپ، باشقا پىلهكتىكى چېچهككه دۈم كۆمتۈرۈپ، بوغقۇچ بىلهن تېڭىپ

بۇنىڭ پهننىي جاۋابىنى زۇنۇن قادىرىي گىمنازىيىدە ئوقۇپ يۈرگهن . نلىكىنى كۆرىدۇيۈرگه

ئاتىلىق چېچهكنى ئانىلىق چېچهك بىلهن <<مهزگىللىرىدە بوتانىكا دەرسىدىن ئۇنىڭ

بۇ نېمه <<: ئهينى ۋاقىتتا، زۇنۇن قادىرىي مومايدىن . ئىكهنلىكىنى بىلگهن>> چاڭالشتۇرۇش

دەپ >> مۇشۇنداق قىلىپ قويساق ئاكۋا ئوخشايدۇ<<: ورىغاندا، موماي دەپ س>> قىلغىنىڭىز ؟

، >>زۇنۇن قادىرىي ئهسهرلىرى<<مۇھهممهت پوالتنىڭ نهشرگه تهييارلىشىدىكى ( جاۋاب بهرگهن

بۇ مىسالالردىن ). بهتلهر - 529، - 527 يىل نهشرى، - 1992شىنجاڭ خهلق نهشرىياتى

خهلق ئارىسىدا ئهملهش . ىيىنىڭ نېمه ئىكهنلىكى مهلۇم بولىدۇئوقۇرمهنلىرىمىزگه ئاۋامىي نهزەر

، ئوت كۆچۈرۈش، ئىسرىق سېلىش، دۇتالش، )روھىي داۋاالش ( ، ئىرىم قىلىش )جىسمانىي داۋاالش (

ھورداش، قان چېكىش، ئىلغا ئېلىش، تېرىگه ئېلىش، تهرلىتىش قاتارلىق داۋاالش ئۇسۇللىرى تا

يىراق ئۆتمۈشتىكى شامان ئېتىقادى بىلهن مۇناسىۋەتلىك بولغان . هكتهبۈگۈنگىچه داۋام قىلىپ كهلم

بۇ قىلىقالر ئۆزىنىڭ رېئال ئۈنۈمى بىلهن كىشىلهرنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭگهن بولسىمۇ، ھازىرغا قهدەر بىرەر

دەپ نهزەردىن ساقىت >> خۇراپات<<ئىلمىي نهزەرىيه بىلهن چۈشهندۈرۈپ باقمىدۇق، ئهكسىچه

ئۇالرنى . ددىي ۋە مهنىۋىي دۇنيادىكى ھهر قانداق نهرسه پهننىڭ ئوبيېكتى بوالاليدۇما. قىلىۋەتتۇق

پهنسىز ھالدا تهتقىق قىلمايال يوق قىلىۋېتىش نادانلىق ئاقىۋىتىدە كېلىپ چىققان ياۋۇزلۇقتىن باشقا

( Michael polanyi ) ئهنگلىيه فىزىكا ئالىمى ۋە پهيالسوپى مايكول پوالنىي. نهرسه ئهمهس

بايقىغان ) ھايۋانشۇناسالر ( ھايۋانالرنىڭ مهۋجۇتلۇقىنى زوئولوگالر <<: مۇنداق دېگهنىكهن

زوئولوگىيه . بايقىغان ئهمهس) ئۆسۈملۈكشۇناسالر ( ئۆسۈملۈكنىڭ مهۋجۇتلۇقىنى بوتانىكالر . ئهمهس

ر ۋە ۋە بوتانىكىنىڭ ئىلمىي قىممىتى پهقهت ئۇنىڭ پهندىن ئىلگىرىكى ئىنسانالرنىڭ ھايۋانال

خۇسۇسىي <<: مايكول پوالنىي ( >> ئۆسۈملۈكلهرگه بولغان قىزىقىشىنىڭ داۋامى بولغانلىقىدا

بۇ ). بهت - 211 يىل نهشرى، - 2000، گۈيجۇ خهلق نهشرىياتى >خهنزۇچه >> < بىلىملهر

اش تۈسىدىكى دۇنيا قار) ھهممه نهرسىدە روھ بار دەيدىغان قاراش ( مهنىدىن ئېيتقاندا، ئانىمىزم

بۈگۈنكى پهن نۇقتىئىينهزەرىدە بىر خىل روھانىيلىق بولسىمۇ، پهن بهرىبىر ئهنه شۇنداق دۇنيا

دامپېر. س. پهن تارىخچىسى ۋ. ئاستا يېتىلگهن تۆرەلمه ئىدى-قاراشالرنىڭ بالىياتقۇسىدا ئاستا

( W. C. Dfmpier ) <<ئۇ، پهن تهبىئهت ھادىسىلىرى توغرىسىدىكى تهرتىپلىك بىلىم بولۇپ ،

تهبىئهت ھادىسىلىرىنى ئىپادىلهيدىغان ھهر خىل ئۇقۇم ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئهقلىي

>> سودا> <<خهنزۇچه >> < پهن تارىخى<<: دامپېر . س. ۋ( >> يوسۇندا تهتقىق قىلىدۇ

تهرتىپلىك بىلىم شهكىللىنىشتىن بۇرۇن . دېگهنىدى) بهت - 9 يىل نهشرى، - 1994نهشرىياتى

Page 5: Abdiqadir jalalidin[(uyghurlar vqvn bilim)digen kitabidin ariye ]

مىللهت ، بۈگۈن ۋە كهلگۈسىبىز ۋە

————————————————————————————————————————————————— com.uyebook.www://http/ ئۇيغۇر ئېلكىتاب تور بېتى

5

بۇ ئامىلالر . سىستېمىسىنى ۋۇجۇدقا كهلتۈرگۈچى جۈزئىي ئامىلالر شهكىللهنگهن بولۇشى كېرەكئۇنىڭ

ئىپتىدائىي ئادەملهرنىڭ تۇرمۇشىدا، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئادەملهرنىڭ دىنىي مۇراسىملىرىدا، تهبىئهت

>> تارىخىپهن<<دامپېر . ۋە ھاياتلىق ھهققىدىكى قاراشلىرىدا ئىستىخىيىلىك ھالدا سادىر بولىدۇ

دېگهن كىتابىدا پېرىخونلۇق، دىن ۋە پهنلهرنىڭ مۇناسىۋىتى ھهققىدە توختىلىپ، بهزى

پېرىخونلۇق بىر جهھهتتىن دىنغا <<ئۇالرچه . ئىنسانشۇناسالرنىڭ پىكرىنى بايان قىلىپ ئۆتىدۇ

). بهتلهر - 28، - 27يۇقىرىقى كىتاب، ( >> ئېلىپ بارىدۇ، يهنه بىر جهھهتتىن پهنگه ئېلىپ بارىدۇ

شامانىزم قهدىمكى ئۇيغۇرالرنىڭ تهبىئهت دۇنياسىغا نىسبهتهن بىر خىل بىلىش شهكلى سۈپىتىدە،

ئۇالرنىڭ ماددىي ۋە مهنىۋىي تۇرمۇش شهكلىگه ھازىرغا قهدەر ئۆچمىگهن چوڭقۇر تهسىرلهرنى

ادەملىرى بولۇپ، ئهينى دەۋرلهردىكى شامانالر ۋە باخشىالر ئۆز دەۋرىگه يارىشا بىلىم ئ. قالدۇرغان

بىرىدىن بۆلۈنگهن ھالدا ئهمهس، بهلكى بىر پۈتۈن ھالدا ئۇالرنىڭ -تهبىئهت ۋە ئىالھ بىر

.تهپهككۇرىدىن ئورۇن ئالغانىدى

ئۇيغۇرالرنىڭ تهبىئهت، روھىيهت ۋە جهمئىيهتكه قارىتا بىلىش شهكىللىرى بارلىق شهرق

ىرلهر ئارىستوتېلچه مهنتىققه ئىزچىللىقىدا پىك. ئهللىرىدىكىگه ئوخشاشال ھېكايهت تۈسىگه ئىگه

ئۇيغۇر پهلسهپه . ئوتتۇرىغا چىقماستىن، ھېكايىنىڭ ھهممه بۆلىكىگه قاندەك سىڭىشىپ كېتىدۇ

تارىخىغا قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇر دۇنيا قاراشلىرى ئۆزىگه خاس ئېتنىك تهركىبلهردىن تاشقىرى

ئۇيغۇر خهلقى ئارىسىغا كهڭ تارقالغان . كهتكهنئهجهم، ئهرەب ئامىللىرى بىلهنمۇ يۇغۇرۇلۇپ

كۈنلهرنىڭ بىرىدە نۇھ ئهلهيهىسساالم بىر يهردە : دە مۇنداق بىر ھېكايهت بار >>جهمشىدنامه<<

ئۇ چاغدا ئىشتان كىيىش ئادىتى . ياتقانىدى، ھهزرىتى نۇھ ئهلهيهىسساالمنىڭ كۆزى ئۇيقۇغا كهتتى

شامالدا التا قايرىلىپ قېلىپ، نۇھ ئهلهيهىسساالمنىڭ ئهۋرىتى . يوق بولۇپ، ئالدىغا التا تارتىۋاالتتى

بۇ ئهھۋالنى كۆرۈپ، . شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلى ئۇ يهردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. ئېچىلىپ قالدى

ھهزرىتى يافهس كۆزىنى ئېتىپ ئۆتۈپ كهتتى، ھهزرىتى سام بىر قولى بىلهن كۆزىنى ئېتىپ، يهنه بىر

ھام دېگهن ئوغلى مهسخىرە . تارتىپ ئهۋرەتنى يېپىپ قويۇپ، ئۆتۈپ كهتتىقولى بىلهن التىنى

شۇ چاغدا نۇھ ئهلهيهىسساالم ئۇيقۇدىن . دەپ ئۆتۈپ كهتتى>> ئوھوي، ئېچىلىپ قاپتۇ<<: قىلىپ

سېنىڭ ئهۋالدىڭ <<: ئۇ يافهسكه . بىدار بولۇپ، بۇ ئىشتىن خهۋەر تېپىپ ئىچىدە قاتتىق غهزەبلهندى

>> سېنىڭ ئهۋالدىڭ ھهم پادىشاھ، ھهم پهيغهمبهر بولسۇن<<: دەپتۇ، سامغا >> نپادىشاھ بولسۇ

.دەپتۇ>> سېنىڭ ئهۋالدىڭ قۇل ھهم چۆرە بولسۇن<<: دەپتۇ، ھامغا

ئهنۋەر بايتۇر نهشرگه ( >> تارىخىي ھهمىدىي<<ئۇيغۇر تارىخچىسى مولال مۇسا سايرامىي ئۆزىنىڭ

دېگهن ئهسىرىدە تارىخنىڭ ) يىل نهشرى - 1986ىياتى تهييارلىغان، بېيجىڭ مىللهتلهر نهشر

ئۇ تۈركىي خهلقلهرنى يافهسكه باغاليدۇ، بابىل، يهمهن، . بېشىنى نۇھ ئهلهيهىسساالمدىن باشاليدۇ

. ئوممان، ئىراق، ئىران ئهللىرىنى سامغا باغاليدۇ، ئافرىقا ۋە ھىندىستان ئهللىرىنى ھامغا باغاليدۇ

Page 6: Abdiqadir jalalidin[(uyghurlar vqvn bilim)digen kitabidin ariye ]

مىللهت ، بۈگۈن ۋە كهلگۈسىبىز ۋە

————————————————————————————————————————————————— com.uyebook.www://http/ ئۇيغۇر ئېلكىتاب تور بېتى

6

الالر نۇھ ئهلهيهىسساالمنىڭ دۇئاسىغا ئهمهلىيلىشىشىنى ئاساسهن يازما تارىخالردىكى ئهھۋ

ئهمما بىز يازما تارىخالردىكى تارىخىي ھهقىقهتلهرنىڭ مۇتلهق . ئىسپاتلىغاندەك كۆرۈنىدۇ

ئهمهسلىكىنى ياكى ئىنسانالرنىڭ قهلىمىدىن چىققان تارىخنىڭ ئىنسانچه ئاجىزلىق ۋە

نهزەردە تۇتساق، مولال مۇسا سايرامىنىڭ بايانلىرىدا سهھۋەنلىكلهرگه ئىگه بولىدىغانلىقىنى

بىز يۇقىرىقى ھېكايهتتىن مۇنداق . تهجرىبىدىن ھالقىغان ئهپسانىۋى تۈسنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىمىز

بىر ئىشقا تۇتۇلغان ئۈچ خىل پوزىتسىيىنى ۋە شۇ پوزىتسىيه تۈپهيلى كېلىپ چىققان _ بىر مهسىلىنى

يافهس ھايا بىلهن ئۆتۈپ كهتتى، بۇ ھايا پادىشاھالردا بولۇشقا : مىز ئوخشىمىغان نهتىجىنى كۆرى

شۇڭا، . سامدا ھايا بولۇش بىلهن بىرگه تهدبىرمۇ بار ئىدى. تېگىشلىك دىيانهتتىن نىشان ئىدى

ھام ئۆزىنىڭ . ئۇنىڭ ئهۋالدىغا پادىشاھلىق سهلتهنىتى بىلهن پهيغهمبهرلىك ھېكمىتى بۇيرۇلدى

بىز بۇ ھېكايهتنى تارىخىي رېئاللىقتىن ئايرىپ . ا قۇللۇق تهقدىرىگه بۇيرۇلدىھاياسىزلىقىغا يارىش

مۇھاكىمه قىلساق، كىشىلهرنىڭ شهيئىگه تۇتقان پوزىتسىيىسى قانداق بولسا، شۇنىڭغا مۇناسىپ

بۇ يهكۈن فرانسىيه . تهجرىبه، بىلىم ۋە تهقدىرگه ئېرىشىدۇ، دېگهن ئهقلىي يهكۈنگه ئىگه بولىمىز

نىڭ يانداش بىر ھۆكۈمىنى ( Rene Descartes ،1560 - 1596 ) ۇرى رېنې دېكارتمۇتهپهكك

شۇڭا، پىكىردىكى ئىختىالپالر بىراۋنىڭ . پاراسهت ھهممه ئادەمدە ئوخشاش<<: ئېسىمىزگه سالىدۇ

يهنه بىرسىدىن ئهقىللىق بولۇشىدىن كېلىپ چىقمايدۇ، بهلكى پىكىر يولىمىزنىڭ ئوخشىماسلىقى ياكى

دېكارتنىڭ <<: دېكارت . ر( >> ڭ ئوخشاش بىر سهۋەبكه قارىتىلمىغانلىقىدىن بولىدۇپىكىرنى

1 يىل نهشرى، - 2004نهشرىياتى >> توققۇز ئايماق<<، >خهنزۇچه >> < تهپهككۇر پهلسهپىسى

نۇھ ئهلهيهىسساالمنىڭ پهرزەنتلىرى بىر مهسىلىگه ئوخشىمىغان ئىنكاس شهكىللىرى ). بهتلهر - 2، -

يۇقىرىقى . ۇئامىله قىلدى ھهم شۇ تۈپهيلى ئوخشىمىغان نهتىجه ۋە قىسمهتكه ئىگه بولدىبىلهن م

ھېكايهت بىلهن دېكارتنىڭ سۆزىدە نهتىجه بىلهن سهۋەب ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش ئىلگىرى

لېكىن ئۇالرنىڭ بىرى ئوبراز شهكلىدە، بىرى ئىدراك شهكلىدە بولۇپ، بۇالردىن شهرق ۋە . سۈرۈلگهن

بۇالرنىڭ بىرى قهلهمدىن ئۆتكهن ۋەقه، يهنه . ىڭ تهپهككۇر ئهنئهنىسى مهلۇم بولۇپ تۇرىدۇغهربن

ۋەقهدىن ئهقلىي يهكۈن چىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگه بواللمىغان . بىرى ۋەقهدىن كهلتۈرۈلگهن يهكۈن

ى ۋەقهگه ئهقلىي يهكۈننى تۇرمۇشتىك. ئادەملهر يۇقىرىقى ھېكايهتنى قانچه ئوقۇسا ئىبرەت ئااللمايدۇ

نهقىل بىلهن ئهقىل . تهدبىقلىيالمايدىغان ئادەم ئۈچۈن دېكارتنىڭ سۆزى ئهھمىيهتسىزدۇر

ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى باغلىنىشنى تاپالىغان ئادەم ئۈچۈن ھايات مهنا ۋە ئىبرەت بىلهن تولغان

گهن ھېكايهت ھېكمهت بىلهن يۇغۇرۇلغان ۋەقه، ھېكمهت بولسا ۋەقهلىكى چىقىرىۋېتىل. بولىدۇ

شۇڭالشقا، شهرق دانىشمهنلىرىگه غهرب پهلسهپه ئهندىزىسى بويىچه باھا بهرگىلى . ھېكايهت

ئهگهر بىز ئۇيغۇر خهلقىنىڭ دۇنيا قارىشىنى ۋە . بولمايدۇ، لېكىن سېلىشتۇرما ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ

Uyghur Epistemology维吾尔 ) بىلىش ئۇسۇللىرىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇر بىلگه بىلىمچىلىكى

Page 7: Abdiqadir jalalidin[(uyghurlar vqvn bilim)digen kitabidin ariye ]

مىللهت ، بۈگۈن ۋە كهلگۈسىبىز ۋە

————————————————————————————————————————————————— com.uyebook.www://http/ ئۇيغۇر ئېلكىتاب تور بېتى

7

认识论 ) رىۋايهتلىرىمىزگه، دىنىي ئېتىقاد -نى تهتقىق قىلماقچى بولىدىكهنمىز، ئۇنداقتا، ئهپسانه

شهكىللىرىمىزگه، ئاغزاكى ۋە يازما ۋەسىقىلىرىمىزگه، ئىشلهپچىقىرىش ۋە ئىگىلىك تارىخىمىزغا، قول

بهىسىزكى، بىز شۈ. ھۈنهرۋەنچىلىكىمىز ۋە قۇرۇلۇش ئهنئهنىمىزگه مۇراجىئهت قىلماي تۇرالمايمىز

مهركىزىي ئاسىيا پهن تارىخىنى يېزىپ - بۇالرسىز ھالدا ئۇيغۇر پهن تارىخىنى ياكى ئوتتۇرا

.چىقالمايمىز

مهركىزىي ئاسىيا پهن تارىخىنىڭ تۇرغۇزۇلۇشىغا -دىيارىمىزدىكى ئارخېئولوگىيىلىك بايقاشالر ئوتتۇرا

ى تارىخىي دەۋرگه ئائىت ئارخېئولوگىيىلىك ۋەھالهنكى، بىز ھهر قايس. بىۋاسىته تۈرتكه بولغۇسى

تارىخنى ئىدېئولوگىيىلىك ئېهتىياج ئۈچۈنال . قېزىلمىالر بىلهن تولۇق تونۇشۇپ چىقىشقا ئۈلگۈرمىدۇق

. ئىزاھالش، ئارخېئولوگىيىدىن ئىبارەت بۇ ئىلىمنىڭ ئۈستقۇرۇلمىلىق تۈسىنى زىيادە قويۇقالشتۇرۇۋەتتى

ىك قېزىلمىالردىن پهقهت خرونولوگىيىلىك تارىخنىڭ مهدەنىيهت بىز بىر قىسىم ئارخېئولوگىيىل

سهنئهت تارىخى، -بىزدە تېخى پهن تارىخى، ھۈنهر . توال پايدىالندۇق-قاتلىمىنى يېشىشته ئاز

دېهقانچىلىق تارىخى، باغۋەنچىلىك تارىخى دېگهنلهردەك مهخسۇس ساھهلهر بويىچه يېزىلغان

ئهھۋالدا ئۇيغۇر مهدەنىيهت قاتلىمى ۋە ئىدېئولوگىيه قاتلىمىنى بۇنداق . تارىخالر بولغىنى يوق

دىيارىمىزدىكى ئىلىم مهركهزلىرى بۇنداق . تارىخىي ئهينهنلىك تهلىپى بويىچه يورۇتقىلى بولمايدۇ

.ۋەزىپىنى ئۈستىگه ئېلىشتىن ھازىرچه يىراق

قهدىمكى <<رمىگهن ئهسىرى پروفېسسور ئابدۇشۈكۈر مۇھهممهتئىمىن ئۆزىنىڭ ئاياغالشتۇرۇشقا ئۈلگۈ

مهركىزىي ئاسىيا خهلقلىرىنىڭ كونا ۋە يېڭى تاش قورالالر دەۋرى -دا، ئوتتۇرا >>مهركىزىي ئاسىيا

يهنسهي -ئانا ساي <<. ھهمدە، مىس، تۆمۈر دەۋرىدىكى مهدەنىيهتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىدۇ

ر دەۋرى تۇتاشقان دەۋرگه ئائىت تاش يېڭى تاش قورالال- ۋادىلىرىدا كونا ) ئهنگار ( ۋە ئهنقار

سۆڭهك قورالالر ۋە تاشالردىن ياسالغان ئوچاق، كۈل قاتلىمى، جۈملىدىن بۇغا مۈڭگۈزىدىن يېپىلغان

ئابدۇشۈكۈر مۇھهممهتئىمىن ئارقىدىنال بۇ خىل تىپتىكى . دەپ بايان قىلىدۇ>> كهپه تېپىلغان

بۇنداق . ادىلىرىدىنمۇ تېپىلغانلىقىنى قهيت قىلىدۇمهدەنىيهتنىڭ ئالتاي، جهنۇبىي بايقال، ئورخۇن ۋ

سىكىفالر ھهققىدە -ئاپتور يهنه ساك . بايقاشالر خوتهن، قهشقهر، ئاقسۇ، ئۈرۈمچىلهردىمۇ كۆپ بولغان

جهنۇبىي _ ئۇالرنىڭ ئىزىدىن . مىس ھۈنهرسازلىرى ئىدى- سىكىفالر مهشهۇر ئالتۇن <<: توختىلىپ

ماۋەرائۇننهھىر، ئورال ۋە قارا دېڭىز ساھىلىدىن نۇرغۇنلىغان ھايۋاننىڭ سىبىرىيه، شىنجاڭ، يهتتىسۇ،

يىلى شىنجاڭ خهلق - 2002( >> ئالتۇن بۇيۇمالر تېپىلدى- خىرىسچان ئوبرازى چۈشۈرۈلگهن مىس

ئۇيغۇرالر ۋە <<. دەپ يازىدۇ) بېتى - 28نهشرىياتى تهرىپىدىن نهشر قىلىنغان مهزكۇر كىتابنىڭ

دېگهن كىتابنىڭ ساكالر >> ىكى باشقا تۈركىي خهلقلهرنىڭ قىسقىچه تارىخىغهربىي يۇرتت

غهربىي يۇرتتىن تېپىلغان <<: توغرىسىدىكى بايانلىرىدا ئۇالرنىڭ مهدەنىيىتىگه دائىر گهپلهرمۇ بار

باشاقالرنىڭ ئاالھىدىلىكى شۇكى، برونزىدىن ياسالغان باشاقالرنىڭ ساپ تۆشۈكىگه تۆمۈردىن

Page 8: Abdiqadir jalalidin[(uyghurlar vqvn bilim)digen kitabidin ariye ]

مىللهت ، بۈگۈن ۋە كهلگۈسىبىز ۋە

————————————————————————————————————————————————— com.uyebook.www://http/ ئۇيغۇر ئېلكىتاب تور بېتى

8

بۇ تۆمۈر ھالقا باشاق سېپى بىلهن باشاقنى چىڭ تۇتاشتۇرۇش رولىنى . قا بېكىتىلگهنياسالغان ھال

تارىخچى ئهنۋەر بايتۇرمۇ ھونالرنىڭ مهدەنىيىتى ). بهت - 38يۇقىرىقى كىتاب ( >> ئۆتىگهن

ئۈستىدە توختىلىپ، بۈگۈنكى كۇچا، خوتهن قاتارلىق جايالردىن تۆمۈر، مىس، كۈمۈش، قوغۇشۇن،

قازاقىستان پهنلهر ئاكادېمىيىسى ( تارلىق مهدەنلهرنىڭ چىققانلىقىنى ئهسكهرتىدۇ قاشتېشى قا

ئۇيغۇرالر ۋە غهربىي يۇرتتىكى باشقا تۈركىي خهلقلهرنىڭ <<ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى تۈزگهن

، رۇسچىدىن ئۇيغۇر سايرانىي تهرجىمىسى، شىنجاڭ خهلق >ئۇيغۇرچه >> < قىسقىچه تارىخى

تارىخچىالر ساكالر مهدەنىيىتىنىڭ مىالدىيىدىن ). بهت - 32 يىل نهشرى، - 2000نهشرىياتى

بۇ دەۋرلهر ئهجدادلىرىمىزنىڭ . ئهسىرلهرگه توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ- 7 - 5ئاۋۋالقى

كىمىياگهرلىك بىلىمىنىڭ نامايان بولۇپ، تۇرمۇش ۋە جهڭلهردە تۆمۈر، مىس قاتارلىق مېتالالرنىڭ

پهن تارىخچىلىرى خىمىيه ئىلمىنىڭ تارىخىنى تاش . ىنى جارى قىلدۇرغان دەۋر بولدىئهۋزەللىك

: ئهنۋەر بايتۇر، خهيرىنىسا سىدىق ( قورالالر دەۋرىدىن باشالندى، دەپ جهزملهشتۈرىدۇ

). يىل نهشرى - 1991، بېيجىڭ مىللهتلهر نهشرىياتى >>شىنجاڭدىكى مىللهتلهرنىڭ تارىخى<<

بىزنىڭ ئهجدادلىرىمىز تاش ۋە مېتالالرنىڭ خىمىيىلىك، فىزىكىلىق شۇنداق بولغاندا،

خۇسۇسىيهتلىرىنى دەسلهپكى قهدەمدە تونۇپ يېتىپ، ئوتنىڭ خىمىيىلىك رولىدىن پايدىلىنىپ

تۇرمۇشىغا كېرەكلىك قورالالرنى ياساپ، دۇنياۋى مهدەنىيهتنىڭ ئهينى ۋاقىتتىكى مۇنبىرىدە

دادلىرىمىز ئهينى دەۋرلهردە كهشپ قىلغان تۇرمۇش قوراللىرى ئهج. مۆتىۋەرلهردىن بولغانىدى

ئۆزلىرى تۇرغان مۇھىتنىڭ جۇغراپىيىلىك ئاالھىدىلىكى، ئىشلهپچىقىرىش ئۇسۇلى ھهمدە ئۆز دەۋرىگه

مۇناسىپ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋەزىيهتنى چىقىش قىلغان بولۇپ، ئهينى دەۋرنىڭ تهپهككۇرى، ئهقىل

مهلۇمكى، بىلىم تۇرمۇش . ۋە بۇ بىلىملهرنىڭ قاتلىمىنى ئهكس ئهتتۈرىدۇ پاراسىتى، بىلىمىنى -

. ئهمهلىيىتىدە ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ، شۇنداقال ئۆزىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئۆزگهرتىدۇ، قاتلىمىنى كۆپهيتىدۇ

مهدەنىيهتنىڭ تهرەققىياتى ئۆز نۆۋىتىدە مىللهتلهرنىڭ تهپهككۇرى ۋە بىلىم بايلىقىنى كۆرسىتىدىغان

رېلكا بولۇپ، بىز مهدەنىيهت تارىخىمىزغا قارىتا بىلىمشۇناسلىق نۇقتىسىدىن سىستېمىلىق ئىست

ئۇيغۇرالردا ئىسالمىيهتتىن بۇرۇن ۋە كېيىن تهبىئهت . مۇھاكىمه ئېلىپ بېرىشتىن بهك يىراقتا تۇرۇپتىمىز

ز بۇ خىل بى. ۋە جهمئىيهت ساھهلىرىگه تۇتىشىدىغان ئهمهلىيهتچان بىلىم ئهنئهنىسى بولغانىدى

پهن -ئهۋالدلىرىمىز ئۇالرنىڭ ئىلىم . ئهنئهنىنىڭ نامايهندىلىرىنى ئۇنتۇپ كېتىشكه يۈزلهندۇق

پال ئهسلهپ -ئهگهر بىز ئۇالردىن بىر قانچه سېيماسى غىل . تارىخىدىكى تۆھپىلىرى بىلهن ناتونۇش

نىڭ زۆرۈرىيىتى ئۆتسهكال، خىرەلىشىپ كهتكهن ئاشۇ قىممهتلىك ئهنئهنىنى جىددىي تىرىلدۈرۈش

: تونۇپ يېتىمىز

. ئۇيغۇر بۇددىزم دەۋرىدىكى پېداگوگ، مۇتهپهككۇر ۋە تهرجىمىشۇناس_ ) 413 - 344( كومراجىۋا

ئىنچىكىلهپ كىرگهندە، كومراجىۋا دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ئهندىزىسى ۋە مهزمۇنىغا دائىر

Page 9: Abdiqadir jalalidin[(uyghurlar vqvn bilim)digen kitabidin ariye ]

مىللهت ، بۈگۈن ۋە كهلگۈسىبىز ۋە

————————————————————————————————————————————————— com.uyebook.www://http/ ئۇيغۇر ئېلكىتاب تور بېتى

9

ئۇيغۇر تهرجىمىچىلىكى نهزەرىيىسىنىڭ ئهينى بىلىشلهرگه، نوم تهرجىمىچىلىكىدىكى ئۇسلۇب ھهمدە

لېكىن بىزدە بۇنداق ئىنچىكه، . دەۋرگه خاس يۆنىلىشىگه دائىر بىلىملهرگه ئېرىشكىلى بولىدۇ

.سىستېمىلىق تهتقىقات يوق

تېمپىلىق كۈي 12<<ئۇ . ئهسىرلهردە ئۆتكهن ئۇيغۇر مۇزىكىشۇناس- 6مىالدى _ سۇجۇپ

ىنى يارىتىپ، ئۇيغۇر مۇزىكىسىنىڭ كېيىنكى راۋاجىغا، ھهتتا جۇڭگو نىڭ نهزەرىيه ئاساس>>قانۇنى

سۇجۇپ ئهنئهنىسى بىزدە كۈي بولۇپ كۈيشۇناسلىق . مۇزىكىچىلىقىغا زور تهسىر كۆرسهتكهن

بولماسلىقتهك سهلبىي ئهنئهنىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكه، شۇنداقال ھازىرقى زامان يۈكسهكلىككه

.كۆتۈرۈشكه تېگىشلىك ئهنئهنه

ئۇيغۇرالردىن چىققان دېڭىزچى، شۇنداقال قۇبلهيخان ئوردىسىدا _ ) ؟ - 1314( ئهل ئۇقمىش

ئۇ، قۇبلهيخاننىڭ يارلىقى بىلهن سرىالنكا، ھىندىستان قاتارلىق دۆلهتلهردە . تۇرغان دۆلهت ئهربابى

ىي پىكىرلىك يىل داۋامالشتۇرغان، بۇ جهرياندا ئۆتكۈر سىياس20دېڭىز سهپىرى قىلىپ، بۇ سهپهرنى

يىل، 100ئهل ئۇقمىشنىڭ دېڭىز سهپىرى جېڭ خېنىڭ دېڭىز سهپىرىدىن . دىپلوماتقىمۇ ئايالنغان

ئهل ئۇقمىش، بېيجىڭ شهھىرىنىڭ . يىل بالدۇر بولغان200ياۋروپالىقالرنىڭ دېڭىز سهپىرىدىن

ترونوم خانبالىق اليىهىسىنى تۈزگهن ئهختهرىدىن، بېيجىڭدا تهتقىقات بىلهن ئۆتكهن ئاس

قاتارلىق ئالىمالر، سىياسىئونالر ۋە ) تۆمۈر تۈۋرۈك ( جامالىدىن، دېهقانچىلىق ئالىمى لۇ مىڭشهن

دۆلهت ئهربابلىرى بىرگه يۈەن سۇاللىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر پاراسهت قۇۋۋىتىنىڭ يۇلتۇزالر

.تۈركۈمىنى شهكىللهندۈرگهنىدى

ئهسىرنىڭ باشلىرىدا يۈەن سۇاللىسى - 14ىرى، ئهسىرنىڭ ئاخ- 13) تۆمۈر تۈۋرۈك ( لۇ مىڭشهن

دېگهن كىتابنى >> يېزا ئىگىلىك بىلىملىرىدىن ئاساسالر<<ئۇ . دەۋرىدە ئۆتكهن يېزا ئىگىلىك ئالىمى

يېزىپ، ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئىچكى ئۆلكىلهردىكى دېهقانچىلىق ئهنئهنىسىنى ئۆرنهك قىلىپ، شۇ

كىتابتىكى . پايدىلىق نۇرغۇن كۆرسهتمىنى ئوتتۇرىغا قويغاندەۋرنىڭ يېزا ئىگىلىك ئېهتىياجى ئۈچۈن

زىرائهت تۈرلىرى، مېۋە تۈرلىرى، ئوتياش تۈرلىرى، دورا ئۆسۈملۈكلىرى، ھهسهل ھهرىسى بېقىش، ئۆي

ھايۋانلىرى بېقىش، پىلىچىلىك، ھاۋارايى، سۇ ئىنشائاتلىرىغا دائىر تېخنىكىلىق مهسلىههتلهر ئۆز

ئاپتور يهنه ئۇيغۇرالردىن ئىچكى ئۆلكىلهرگه كىرگهن بېدە، پىياز، . ار ئىدىدەۋرىگه نىسبهتهن ئىلغ

.سهۋزە، زىغىر، ئانار، ياڭاق، پۇرچاق، كېۋەز قاتارلىق زىرائهتلهر توغرىسىدىمۇ ئاالھىدە توختالغان

خارەزم ئۇيغۇرلىرىدىن كېلىپ چىققان ئاسترونوم، _ ) 850 - 780مىالدى ( ئهلخارەزمىي

ئۇ ئهرەب، پارس، سانسكرىت، گرېك تىللىرىنى بىلگهچكه گرېك، ھىندى . گېئوگرافماتېماتىك،

- بهيتۇل <<ئۇ باغدادتا . ئالىملىرىنىڭ ئهسهرلىرى بىلهن چوڭقۇر تونۇشۇش ئىمكانىيىتىگه ئېرىشكهن

مۇختهسهر <<ئۇ . دە ئىشلهپ، نۇرغۇن ئالىمنى تهربىيىلهپ يېتىشتۈرگهن)داناالر سارىيى ( >> ھېكمه

تهڭلىمه ( >> ئهلجهبىر ۋە مۇقهبهله<<، )ھىندى رەقهملىرى ھهققىدە قىسقىچه كىتاب ( >> ندى ھىدسى

Page 10: Abdiqadir jalalidin[(uyghurlar vqvn bilim)digen kitabidin ariye ]

مىللهت ، بۈگۈن ۋە كهلگۈسىبىز ۋە

————————————————————————————————————————————————— com.uyebook.www://http/ ئۇيغۇر ئېلكىتاب تور بېتى

10

قۇياش سائىتى <<، >>ئاسترونومىيىلىك جهدۋەل<<، )ئالگېبرا _ ۋە ئهسلىگه قايتۇرۇش كىتابى

يهھۇدىيالر تارىخى ۋە ئۇالرنىڭ بايراملىرىنى <<، >>يهرنىڭ سۈرىتى<<، >>ھهققىدە رىساله

ئهلخارەزمىي تهڭلىمىلهرنى . قاتارلىق كۆپ قىرلىق ئهسهرلهرنى يېزىپ قالدۇرغان>> لگىلهشبه

تۈزۈش ۋە يېشىش قائىدىلىرى، مهنپىي ۋە مۇسبهت سانالر، ھىندى رەقهملىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى، نۆلنىڭ

بۇنىڭ بىلهن ئۇ . ماتېماتىكىدىكى رولى قاتارلىق بىر قاتار ئىلىم مهسىلىلىرىنى شهرھلىدى

.دېگهن نامىنى دۇنيا ماتېماتىكا تارىخىغا نهقىشلىدى>> ئاللېگورىزم ئارىفمېتىكىسى<<

پروفېسسور ئابدۇشۈكۈر مۇھهممهتئىمىننىڭ سۈپهتلىشىچه، ئۇيغۇر _ ) 1449 - 1394( ئۇلۇغبېك

تۆت ئۇلۇس <<ئۇ . >>كهنجى ئويغىنىش دەۋرىنىڭ مۇتهپهككۇرى، ئاسترونوم ۋە سىياسىئون<<

قاتارلىق ئىلمىي ) يېڭى ئاسترونومىيىلىك جهدۋەل ( >> زىجى جهدىد گۈرە گانى<<، >>تارىخى

ئۇلۇغبېك يهنه سهمهرقهندته ئۆز نامىدا مهدرىسه ۋە رەسهتخانىالرنى . كىتابالرنى يېزىپ قالدۇرغان

بهرپا قىلغان بولۇپ، ئۇلۇغبېك شۇ چاغدا شهكىللهنگهن ئىشانىزم گۇماشتىلىرىنىڭ سۇيىقهستى بىلهن

ز ئوغلىنىڭ قولىدا ئۆلتۈرۈلىدۇ، ئۇ سالدۇرغان رەسهتخانا بولسا، جاھالهت كۈچلىرى تهرىپىدىن ئۆ

بۇنى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى ساھىبى، پاكىستانلىق فىزىكا ئالىمى، دوكتور ئابدۇساالم . كۆيدۈرۈلىدۇ

ىپ، زااللهت سائادەت قۇشىنىڭ ئۇچۇپ كېت- مهركىزىي ئاسىيا خهلقىنىڭ بېشىدىكى بهخت - ئوتتۇرا

.دەۋرىدىن دېرەك بهرگۈچى پاجىئه، دەپ باھا بهرگهنىدى

بىز فارابى، مهھمۇد كاشىغهرى، برۇنېي، ئىبىن سىنا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاتارلىقالرنىڭ ئاۋامغا

ئۇالرنىڭ تۆھپىلىرى بىلىمشۇناسلىق ياكى پهن . شهرىپىنى تىلغا ئېلىپ ئولتۇرمىدۇق- تونۇش نام

نمىسىمۇ، كىشىلهر ئۇالرنى ئىلىم چولپانلىرى سۈپىتىدە زاتهن ئهمهس، ئاتهن ھالدا نۇقتىسىدىن باھاال

.تونۇيدۇ

ئهگهر بىز يۇقىرىقى ئالىمالرنى ئىنسانپهرۋەرلىك خاھىشلىرى بىلهن سۇغۇرۇلغان ئهخالقىي تېمىدىكى

رغا، ۋەھدەتكه زارى بىلهن تولغان داستانال- مهشۇقالرنىڭ ئاھۇ - ھېكايهتلهر ۋە قىسسىلهرگه، ئاشىق

ئىنتىلگۈچى شېئىرىيهت التاپهتلىرىگه تولغان ئهنئهنىمىزگه پاراللېل قويساق، تهبىئهت ۋە ھۈنهر

. ئىلىملىرىگه مايىل سهمهرىلىك ئهنئهنىمىزنىڭ غايىب بوپكهتكىنىدىن ئۆكۈنمهي تۇرالمايمىز

گه زىت ئهمهس ئىدى، بىرى-تهبىئهت، ئىالھىيهت، سهنئهت، جهمئىيهت ۋە پاساھهت ئىلىملىرى بىر

ئاستا يىگىلهپ، مهنىۋى -ئىلىملهر ئاستا . لېكىن بىز زىت ھالدا چۈشىنىپ، ئىلىملهرنى يېتىم قويدۇق

ئۇلۇغبېكنىڭ پاجىئهسى ھهرگىزمۇ . گادايلىقىمىز مىسلىسىز پاجىئهلىك تارىخنىڭ ھامىيىسى بوپقالدى

- تارىخالرنى قالدۇرغان ئوتتۇرا بىر ئالىمنىڭ پاجىئهسى بولماي قالدى، بهلكى ئۇ شۆھرەتلىك

مهركىزىي ئاسىيا خهلقلىرىنىڭ گۇمراھلىق دەۋرىگه كىرىپ، كىشىلىك ئىززىتىنىڭ ۋەيران بولۇشىدىن

.دېرەك بېرىدىغان پاجىئه بوپقالدى

بىز ئۇلۇغبېكتىن كېيىن دۇنيا جامائهتچىلىكى سۆيۈنگۈدەك تهبىئهت ئالىملىرىنى يېتىشتۈرۈپ

Page 11: Abdiqadir jalalidin[(uyghurlar vqvn bilim)digen kitabidin ariye ]

مىللهت ، بۈگۈن ۋە كهلگۈسىبىز ۋە

————————————————————————————————————————————————— com.uyebook.www://http/ ئۇيغۇر ئېلكىتاب تور بېتى

11

نهتىجىدە، بىز ئۇالرنى ئۇنتۇپ . ولسا تارىخىمىز ئۇ خىل كىشىلهرگه كورلۇق قىلدىبىر ب. چىقالمىدۇق

بۇنىڭدا كېيىنكى . كهتتۇق ؛ بىر بولسا زەئىپ تهپهككۇرىمىز ياراتقان تارىخنىڭ ئهمهلىيىتى شۇ

: بۇ ھهقته ئابدۇشۈكۈر مۇھهممهتئىمىن . ئېهتىماللىقىنىڭ ئوبيېكتىپلىقى يۇقىرى بولسا كېرەك

ى يىپهك يولىنىڭ خارابلىشىشى، فېئوداللىق بېكىنمه ھالهت تۈپهيلى نهزەرىيىۋى تهپهككۇر قهدىمك<<

شائىرلىقتىن باشقا بىزدە ئالهمشۇمۇل -ئۇلۇغبېك ۋاپاتىدىن كېيىن ئهدىب . ئهۋزەللىكىنى يوقاتتۇق

مهنىۋى مهدەنىيهت خهزىنىمىز ھېسسىي سهنئهت ۋە ئهدەبىياتنى . تهبىئهت ئالىملىرى چىقمىدى

قولىمىزنىڭ يهتكىنى ئۇسسۇل، دېمىمىزنىڭ . بىردىنبىر ئىپتىخار پهللىسى قىلىشقا مهجبۇر بولدى

< غهزەللىرىمىزگه بىر قاراپ كۆرەيلىچۇ، ئاساسلىقى - شۇ زامانالردىكى ناخشا . يهتكىنى ناخشا بولدى

> ئېتنولوگىيىلىك مىللهت < بىز . دېگهندەك نالهشتىن يىراقالشمىدى> ۋاھ، دەرىخا

. بولۇپ قېلىۋەردۇق> شېئىرىيهت مىللىتى < ، > ئۇسسۇل مىللىتى -ناخشا < كاتېگورىيىسىدىكى

سهنئهتته داڭق ... بوياقچىدىن ئارتۇق خىمىك، تۆمۈرچىدىن ئارتۇقراق فىزىكلىرىمىز بولمىدى

ماكانسىز - ڭ ئاقىۋەتته يۇرت چىقارغان، سهنئهتكه يۆلىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان سىگانالرنى

تېرىپ ياشاشقا چۈشكهن الماكانلىقى بىلهن، تارىخ بورانلىرىدا چېچىلىپ، - جاھان كېزىپ، تىلهپ

جېدەللهردە قىرىلىپ ھالى قالمىغان يهھۇدىيالرنىڭ نهزەرىيىۋىي تهپهككۇر ۋە ئۆتكۈر - جهڭ

> قۇدرەتلىك زامانىۋى مىللهت < ،>ئالىمالر مىللىتى < پهنلهرگه بولغان يۈكسهك ئېتىبارىدىن

.دېگهنىدى ئېچىنىش بىلهن>> كامالىتىگه يهتكهنلىكىنى كۆز ئالدىمىزغا كهلتۈرمىدۇق

كهسىپنىڭ - كهسىپ رىسالىلىرىگه قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭدا ھۈنهر - ئهگهر بىز ئۇيغۇر ھۈنهر

بۇ رىسالىلهر ئايهتلهر . ھېس قىلىمىزقائىدىلىرى تهرەپتىكى ئىلمىي بايانالرنىڭ ناھايىتى ئازلىقىنى

ئهگهر بىز بۇ ئايهتلهرنى ئىسالمىيهتنىڭ تارىخى ۋە ماھىيىتى بىلهن باغالپ . بىلهن توشۇپ كهتكهن

. قارىساق، كۆپ ھالدا ئۇ ئايهتلهرنىڭ ئۇنداق يهرلهردە ئىشلىتىلمهسلىكى الزىملىقىنى بىلىپ يېتىمىز

- بىلىملهرگه تهۋھىد ئىلمىنىڭ يېتهكچىلىك قىلىشى ھۈنهر كهسىپلهر ۋە ئۇنىڭغا ئاالقىدار -ھۈنهر

ئهمما ھۈنهر ئىلمى ئۆز ئوبيېكتىنىڭ . كهسىپلهرنى مۇكهممهل ئهخالقىي ئاساسالرغا ئىگه قىلىدۇ

ماددىي خۇسۇسىيهتلىرىنى ئۆز ئىچىگه ئالماي، نوقۇل روھانىي نهرسىلهرگه ئايلىنىپ قالغاندا،

كهسىپ - ھۈنهر . نىڭ رېئال مهنپهئهتى ئۈچۈن پايدىسىز بولىدۇئاخىرى بېرىپ يهنه شۇ ئۈممهتلهر

رىسالىلىرىمىزدە ھۈنهرنىڭ ئۆزىگه ئائىت بىلىم تهركىبلىرىنىڭ ئازالپ كېتىشى، تىرىكچىلىك ۋە

ئىبادەتتىكى ئهمهلىيهتچان پوزىتسىيىنىڭ رېئاللىق بىلهن ھېسابالشمايدىغان روھانىيلىققا ئالمىشىپ

.دۇكهتكهنلىكىنى كۆرسىتى

ئهسىرلهردە غهرب ۋە شهرق خهلقلىرىنىڭ تهقدىرى ۋە ئىجتىمائىي ئورنىدا - 17 - 16مىالدى

بۇ دەۋرلهردە ياۋروپا ئهللىرىنىڭ يۇلتۇزى پارالپ، . جىددىي ئالمىشىش يۈز بهرگهن دەۋرلهر بولدى

شكه مهركىزىي ئاسىيا خهلقلىرىنىڭ يۇلتۇزى ئۆچۈ-مۇسۇلمان ئهللهرنىڭ، جۈملىدىن ئوتتۇرا

Page 12: Abdiqadir jalalidin[(uyghurlar vqvn bilim)digen kitabidin ariye ]

مىللهت ، بۈگۈن ۋە كهلگۈسىبىز ۋە

————————————————————————————————————————————————— com.uyebook.www://http/ ئۇيغۇر ئېلكىتاب تور بېتى

12

چۈشهنگىلى بولمايدىغان روھىيهت، ئاخىرەت مهسىلىلىرىنى >> قۇرئان كهرىم<<گهرچه . باشلىدى

تهكىتلىمهي، ئىنسانىيهت دۇنياسىدىكى ھاالل بىلهن ھارام، ياخشى بىلهن يامان، گۈزەل بىلهن

، رەزىل ئوتتۇرىسىدىكى پهرقنى ئايرىشتىن ئىبارەت رېئال، ئىجتىمائىي مهسىلىلهرنى تهكىتلهپ

پايدىسىز بىلىملهردىن ساقلىنىشنى تهشهببۇس قىلغان بولسىمۇ، ئۆلىماالرنىڭ دىققىتى جهننهتنىڭ

دەرىجىسى، پهرىشته، شهيتان، خۇدانىڭ سۈپهتلىرى دېگهندەك مهۋھۇم مهسىلىلهرنى ئهپالتونىزم

چ خاھىشلىرى بىلهن يۇغۇرۇپ تهلقىن قىلىش بىلهن بوپكهتتى ھهم كۆز ئالدىدىكى دۇنيانىڭ كۈ

سهئىدىيه خانلىقىنىڭ ئىنقىرازىدىن كېيىنكى بىزنىڭ زەبۇن . ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىشلهرنى سهزمىدى

ھالىتىمىز ۋە ھىندىستاندىكى بابۇرىيالر سهلتهنىتىنىڭ ئهنگلىيىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىشى، ماھىيهتته

.تهپهككۇر ۋە بىلىم ئاجىزلىقىدىن كېلىپ چىققان قىسمهتلهردۇر

مهتلهرنىڭ قانداق بولۇشىدىن قهتئىينهزەر، بىر پۈتۈن تارىخنى نهزەردە تۇتقاندا، كېيىنكى قىس

ئۇيغۇرالر ئۆزى ياشىغان ئىقلىم ۋە تارىخىي ۋەزىيهتكه ماس ھالدا مول مهدەنىيهت مىراسلىرى، ئهقىل

پاراسهت جهۋھهرلىرى ۋە بىلىم بايلىقلىرىنى ئىنسانىيهتنىڭ ماددىي ۋە مهنىۋى خهزىنىسىگه -

نهچچه مىڭ يىللىق ئىختىرا ۋە . قان قهدىمىي مىللهتتۇر، بىز ئۇنى تېخى قېزىپ بواللمىدۇققوش

مهرىپهت توغرىسىدىكى ئىدېئال ھهم رېئال - كهشپىيات ئهنئهنىسى ئۇيغۇرالردا بىلىم

چۈشهنچىلهرنى، دىداكتىك سۆزلهرنى شهكىللهندۈرگهن، ھهتتا بىلىم توغرىسىدا پادىشاھالر دەستۇرى

.كهبى يىرىك ئهسهرلهر بارلىققا كهلگهن>> قۇتادغۇبىلىك<<كى شهكلىدى

تهمسىللىرىمىزگه سهپسالساق، بىلىم -كۈندىلىك ئاالقىمىزدا ئىشلىتىلىۋاتقان ئۇيغۇر خهلق ماقال

: مهسىلهن. مهسىلىسىنى تۈرلۈك نۇقتىدىن يورۇتۇپ بېرىدىغان جهۋھهرلهرنى ئۇچرىتىمىز

ئادەم بىلگهننى ئادەم بىلىدۇ،

.ئادەم ماڭغان يولدىن ئادەم ماڭىدۇ

بۇ تهمسىلدە بىلىمنىڭ ئانتروپولوگىيىلىك خۇسۇسىيىتى گهۋدىلهنگهن بولۇپ، ئىنسان تهپهككۇر

.ئورگانلىرىنىڭ بىلىش قۇۋۋىتىدە ئىرقىي، مىللىي پهرقنىڭ بولمايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگهن

ئادەمنى بىلىم يورۇتار،

.ئالهمنى كۈن يورۇتار

كىمكى بىلىشتىن . پهككۇر قىلىش ۋە بىلىش ئىنساننى مهخلۇقاتالر ئىچىدە مهرتىۋىلىك قىلغانته

ئىبارەت ئهقلىي قۇۋۋىتىنى كۆپ ئىشقا سالسا، ئۇنىڭ ئادىمىيلىك سۈپىتى شۇنچه يۇقىرى بولىدۇ

.ھهمدە باشقىالرغا زوق، ھىممهت بېغىشلىيااليدۇ، ئۇ ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى ئاقارتااليدۇ

ننىڭ يۈزى يورۇق، بىلگه

.بىلمىگهننىڭ يۈزى چورۇق

بۇ تهمسىلدە بىلگهنلهر بىلهن بىلمىگهنلهرنىڭ مهنىۋى ۋە ئىجتىمائىي پهللىدىكى ئورنى ئهكس

Page 13: Abdiqadir jalalidin[(uyghurlar vqvn bilim)digen kitabidin ariye ]

مىللهت ، بۈگۈن ۋە كهلگۈسىبىز ۋە

————————————————————————————————————————————————— com.uyebook.www://http/ ئۇيغۇر ئېلكىتاب تور بېتى

13

.بۇ، يۇقىرىقى تهمسىل بىلهن ئىزچىللىققا ئىگه. ئهتكهن

.بىلىمنىڭ چېكى يوق

لگۈچى بىلهن بىلىنگۈچى بى. ئالهم ھهرىكهتته، ئالهمدىنمۇ كهڭ روھىيهتمۇ ھهرىكهتته

بىلىم پهقهت مۇئهييهن مۇددەتته، مۇئهييهن چهكته . ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ

چۈنكى ھاياتلىق ھهرىكهتته، . دە، يېڭىلىنىشنى كۈتۈپ تۇرىدۇ- تېگىشلىك قىممهتنى نامايان قىلىدۇ

.تهپهككۇرمۇ ھهرىكهتته

پىرىڭ بىلىن ماختانما،

.لهن ماختانبىلىمىڭ بى

-بۇرۇنقىالرنىڭ ئۇقۇم . بىلىمدە نوپۇز مهۋجۇد ئهمهس، نوپۇز پهقهت ھهقىقهتكىال مهنسۇپ

. چۈشهنچىلىرى، تهپهككۇر ئهندىزىلىرى كېيىنكىلهرنىڭ تهپهككۇرىنى چۈشهپ قويماسلىقى كېرەك

پهندىكى -م ھازىرقى زامان پهن جهمئىيهتشۇناسلىقى ئالىمالرنىڭ تۆھپىسىنى نهزەرگه ئېلىپ، ئىلى

.نوپۇزىنى بويۇنتۇرۇق قىلماسلىقنى تهكىتلىمهكته

بىلىم بۇلىقى، _ ئهقىل

.ھۈنهر چىرىقى_ بىلىم

بىلىمدىن ھۈنهر، تېخنىكا ۋە . ئهقىل ئىنساندىكى تۇغما ئىمتىياز، بىلىم ئهقىل ئۈستىگه قۇرۇلىدۇ

كا بولسا شهيئىلهرنىڭ ماھىيىتىنى تېخنى. شۇڭا پهن باشقا، تېخنىكا باشقا. سانائهت بارلىققا كېلىدۇ

يۇقىرىقى . كۆزىتىشتىن كهلگهن بىلىملهر ئارقىلىق تۇرمۇشتا ئهسقاتىدىغان ۋاسىتىلهرنى ئاپىرىدە قىلىدۇ

.تهمسىلدە بىلىم، پهن، تېخنىكىالر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئهكس ئهتكهن

ئالىم بىلهن ئهل ئاقىل،

.جاھىل بىلهن ئهل خار

همئىيهتكه ئىلىم ئهھلى ئىلمىي نۇقتىدىن باشقۇرۇش ئېلىپ بارسا، جهمئىيهتته ئىلمىي، ناۋادا بىر ج

قىممىتى - مۇقىم كهيپىيات ئومۇملىشىدۇ، باشقۇرۇش ۋە ئىش بېجىرىش ئىستىللىرىدا ئىنساننىڭ قهدىر

غاندا ئهكسىچه بول. بۇنداق جهمئىيهت بىلىملىك ئادەملهر بىلهن تولىدۇ. باراۋەر ھالدا ئهكس ئېتىدۇ

.ئهشهددىي ھوقۇقچىلىق، سهپسهته ئويۇنلىرى مودا بولىدۇ

ئالىم بولماق ئاسان،

.ئادەم بولماق تهس

ئادىمىيلىككه ياتىدىغان . بۇ تهمسىلدە ئىلىم ئهھلىدە بولۇشقا تېگىشلىك پهزىلهت كۆزدە تۇتۇلغان

تقۇچ ھايۋاندىنمۇ گۈزەل خۇلق، ئىنسان مهنپهئهتىگه ئۇيغۇن غايىلهردىن مۇستهسنا ئالىم يىر

يهنه بىرى، بىلىمگه ئۆزىنىڭ . ۋەھشىي بولۇپ، ئۇ باشقىالرغا ئاپهت ئهكېلىدىغان تهۋسىيىلهرنى بېرىدۇ

نورمال ئىنسانىيلىقىنى تېگىشىپ، بىنورمال پسىخىكا ئىگىسى بوپقالىدىغان ئىشالر ئهمهلىيهتته

Page 14: Abdiqadir jalalidin[(uyghurlar vqvn bilim)digen kitabidin ariye ]

مىللهت ، بۈگۈن ۋە كهلگۈسىبىز ۋە

————————————————————————————————————————————————— com.uyebook.www://http/ ئۇيغۇر ئېلكىتاب تور بېتى

14

.مهۋجۇد

ئىنسانىي، رېئالنىي، ئىجتىمائىي ئاساسلىرى، تهمسىللىرىدە بىلىمنىڭ -دېمهك، ئۇيغۇر خهلق ماقال

.بىلىم ئهھلىنىڭ مهسئۇلىيىتى قاتارلىق پهلسهپىۋى مهسىلىلهر ئىخچام ئىپادىلهنگهن

بىلىم توغرىسىدىكى ئۈگۈتلهر ۋە پهلسهپىۋى قاراشالر ئۇيغۇر يازما ئهدەبىياتىدىكى كالسسىك

ئىسالمىيهتتىن كېيىنكى ئىككى نامايهندە .ئهسهرلهردە ئىزچىل تۈردە مۇھىم مهزمۇن قىلىنىپ كهلدى

تا بىلىم )>> ھهقىقهتلهر بوسۇغىسى<<( >> ئهتهبهتۇل ھهقايىق<<ۋە >> قۇتادغۇبىلىك_ <<

.ھهققىدىكى قاراشالر ئاالھىدە ئورۇن تۇتقان

شهيئىلهر ۋە. ئىسالمدا ئالال بارلىق مهۋجۇداتالرنىڭ مهنبىئى، شۇنىڭدەك بارلىق بىلىملهرنىڭ مهنبىئى

شۇڭا بىلىشنىڭ ئوبيېكتى بولغان . شهيئىلهر توغرىسىدىكى بىلىملهر ئالالنىڭ ئىرادىسىنى شهرت قىلىدۇ

نهتىجىلىك مۇناسىۋىتىدىكى مهلۇم بىر ئامىل بولۇپ، بۇ -نهرسه دەل ئالال بىلهن كائىناتنىڭ سهۋەب

جىپ يۈسۈپ خاس ھا. ئامىلنى چوڭ بىر پۈتۈنلۈك ئىچىگه قويۇپ بىلىش الزىم بولىدۇ

: نى ياد ئېتىدۇ)تهڭرى ( نىڭ بېشىدىال ئالال >>قۇتادغۇبىلىك<<

ئۇ خاالپ ياراتتى، يارالدى پۈتۈن، 4

.، بار ئولدى پۈتۈن>>بول<<: ئۇ بىرال دېدى

ئهي بىر سهن، بىرىكمهس ساڭا باشقا بىر، 8

.بۇرۇن سهن جىمىدىن، جىمىدىن ئاخىر

، ئورۇن ئول ياراتتى، ئورۇن يوق ئاڭا 19

.ئۇنىڭسىز ئورۇن يوق، ئىشهنگىن بۇڭا

ئهي سىرغا يېقىن، ئهي كۆڭۈلگه ئهزىز، 20

.گۇۋاھدۇر ساڭا بارچه سۈرەت ۋە ئىز

ياراتتىڭ تۈمهنمىڭ تىرىك، ساناقسىز، 21

قۇرۇقلۇق، چۇقۇر، تاغ، داال، دۆڭ، دېڭىز

- 1984تلهر نهشرىياتى ، بېيجىڭ مىلله>ئۇيغۇرچه >> < قۇتادغۇبىلىك<<: يۈسۈپ خاس ھاجىپ )

.( يىل نهشرى

ئۇ يهنه بىلىمنىڭ ئهخالقىي قىممىتى . بىلىم نوقۇل ھالدا تهبىئهت توغرىسىدىكى بىلىمنىال كۆرسهتمهيدۇ

ئهبهدىيلىك ۋە چهكسىزلىك بىلىمنىڭ . ئېستېتىك قىممىتى ھهققىدىكى بىلىشلهرنىمۇ ئۆز ئىچىگه ئالىدۇ

دىيلىك بىلهن چهكسىزلىك بىلىمنىڭ ئىالھىي تهركىبلىرىنى ھايات بوشلۇقى بولۇپ، ئهنه شۇ ئهبه

.ئىشارەتلهيدۇ

بىرى بىلهن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىككى كاتېگورىيه -يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئهقىل بىلهن بىلىمنى بىر

: مىسالهن. سۈپىتىدە تهكىتلهيدۇ

Page 15: Abdiqadir jalalidin[(uyghurlar vqvn bilim)digen kitabidin ariye ]

مىللهت ، بۈگۈن ۋە كهلگۈسىبىز ۋە

————————————————————————————————————————————————— com.uyebook.www://http/ ئۇيغۇر ئېلكىتاب تور بېتى

15

ئهقىل كىمدە بولسا، بولۇر ئۇ ئېسىل، 301

.ۇ، بىلبىلىم كىمدە بولسا بولۇر خان ش

بىلىم كىمىيادەك يىغار نهرسىنى، 310

.ئهقىلدۇر سارايى، يىغار ھهممىنى

ئۇ ئىنساننىڭ تۇغما پهزىلىتى سۈپىتىدە . ئىسالمدا ئهقىل ئالالنىڭ ئىنسانغا بهرگهن ئىنايىتى دېيىلىدۇ

. ئېرىشىدۇئىنسان ئۇنى سهرمايه قىلىپ تۇرۇپ بىلىمگه. ھهرىكهتنىڭ بىرلىكىدە نامايان بولىدۇ- سۆز

.بىلىم بولسا ئهقىلنى توغرا مهقسهت ۋە توغرا ئۇسۇل بىلهن ئىشقا سېلىشتىن كېلىدۇ

بىلىم مهنىسىن بىل، بىلىم نېمه دەر، 156

.بىلىم ئۇ ساقايتۇر كېسهل بولسا ئهر

بىلىمسىز كىشى بارچه ئاغرىق بولۇر، 157

.داۋاالنمىسا ئۇ تىرىكال ئۆلۈر

قۇدرىتى ئۇنىڭ - شۇنداق ئىكهن، ئادەمنىڭ كۈچ . سۈپهتلىنىدۇئادەم مهنىۋىيهت بىلهن

بىلىم ئۆز نۆۋىتىدە ئهقىلنىڭ ئىشلىتىلىش نورمىسىنى . مهنىۋىيىتىنىڭ تاكامۇللىقى بىلهن باغلىنىدۇ

.ياندىن كۆرسىتىش بىلهن بىرگه ئىنسان مهنىۋىيىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچىنى ئاشۇرىدۇ

پاراسهت ۋە - سائادەت، ئهقىل - بىلىم ئادالهت، بهخت يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ نهزىرىدىكى

ئايتولدى . قانائهت بىلهن بىر گهۋدىلهشكهن بىلىم بولۇپ، ھهرگىزمۇ بىلىم ئۈچۈنال بىلىم ئهمهس

بىلهن ئودغۇرمىش ئوتتۇرىسىدىكى مۇنازىرىدە بىلىمنىڭ رېئال دۇنيادىكى رولى بىلهن زاھىدلىق

بۇ مۇنازىرىنى بىر ھېسابتا ئۇيغۇر . قۇنۇش ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇپهلسهپىسى ئوتتۇرىسىدا كهسكىن تو

. پهلسهپه تارىخىدا كۆرۈلگهن رېئال ئىجتىمائىي ھالهتنىڭ بىر تىمسالى دېيىشكه بولىدۇ

ئهمهلىيهتچانلىق بىلهن زاھىدلىقنىڭ كۈرىشىدە گهرچه يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ ئىككى تهرەپنى

يغان بولسىمۇ، كېيىنكى تارىخىمىزدا زاھىدلىق باش كۆتۈرۈپ مۇرەسسهچىلىك ھالهتكه كهلتۈرۈپ قو

.چىقتى

دانه گۈزەل - ئىدېئولوگىيه تارىخىمىزدا يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن كېيىن بىلىمنىڭ قىممىتىنى دانه

.ئىبارىلهر بىلهن نهسىههت قىلغۇچى كىشى ئهھمهد يۈكىنهكىيدۇر

سۆزۈمگه بىلىمدىن ئاساس سالىمهن، 41

. بىلىملىككه ئۆزۈڭنى باغالئهي دوستۇم،

سائادەت يولى بىلىم بىلهن ئېچىلىدۇ،

.بىلىم ئال، سائادەت يولىنى ئاچ

بىلىملىك كىشى قىممهتلىك دىناردۇر، 42

.بىلىمسىز نادانالر قىممهتسىز يارماقتۇر

Page 16: Abdiqadir jalalidin[(uyghurlar vqvn bilim)digen kitabidin ariye ]

مىللهت ، بۈگۈن ۋە كهلگۈسىبىز ۋە

————————————————————————————————————————————————— com.uyebook.www://http/ ئۇيغۇر ئېلكىتاب تور بېتى

16

بىلىملىك بىلهن بىلىمسىز ھېچقاچان تهڭ بواللمايدۇ،

.هر گويا ئايالدۇربىلىملىك ئايال گويا ئهر، نادان ئ

ئادەم بىلىمى بىلهن تونۇلىدۇ، 44

.بىلىمسىزلهر تىرىك تۇرۇپ كۆزگه كۆرۈنمهيدۇ

بىلىملىكلهر ئۆلسىمۇ نامى تىرىك بولىدۇ،

بىلىمسىزلهر تىرىك بولسىمۇ نامى ئۆلۈك بولىدۇ

ېيجىڭ ، ب>ئۇيغۇرچه >> < ئهتهبهتۇل ھهقايىق<<: ئهدىب ئهھمهد بىننىي مهھمۇد يۈكنهكى )

.( يىل نهشرى- 1980مىللهتلهر نهشرىياتى

كۆرۈنۈپ تۇرىدۇكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلهن ئهھمهد يۈكىنهكىينىڭ بىلىم قارىشىدا ئوخشاشلىق

قىممهتنىڭ، - ئهھمهد يۈكىنهكىينىڭ نهزەرىدە بىلىم بهختنىڭ، ھاياتتىكى قهدىر . ۋە ئىزچىللىق بار

ئىنساننىڭ . ىي ھايات ۋە روھىي ھايات دەپ ئىككىگه بۆلۈنىدۇئىنساننىڭ ھاياتى جىسمان. كاپالىتى

جىسمانىي ھاياتى دەل ئۇنىڭ مهنىۋى ھاياتىنىڭ يېقىلغۇسى بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ جىسمانىي

. ھاالل قاندۇرۇش ئۈچۈن بىلىم ئېلىپ، روھىنى كامال تاپقۇزۇشى الزىم-تهلهپلىرىنى ئادىل

بۇ سۆزلهر كېيىنكىلهرنىڭ روھىي ھاياتى بىلهن . ۆزلهر قالىدۇكامالهتكه يهتكهن روھتىن كامالهتلىك س

.ئۇلىنىپ، ئىنساننى مهنىۋى ياقتىن ئهبهدىي مهۋجۇد بولۇش ماقامىغا يهتكۈزىدۇ

تا مهردلىك، سېخىيلىق، )>> ھهقىقهت بوسۇغىسى<<( >> ئهتهبهتۇل ھهقايىق<<ئهھمهد يۈكنهكى

تىلىدۇ، لېكىن مهسىلىلهر بىلىمنى يادرو قىلىپ ئېچىلىدۇ، ناتىقلىق قاتارلىق پهزىلهتلهر ئۈستىدىمۇ توخ

.بىلىم بولغاندىال ئۇ خىل پهزىلهتلهر ئۆزىنىڭ كۈچىنى كۆرسىتهلهيدۇ

دەپ سۈپهتلىنىۋاتقان ھازىرقى دەۋرىمىزدە ئهجدادلىرىمىز قالدۇرغان >> بىلىم ئىگىلىكى دەۋرى>>

. بىز تېخى يېتهرلىك چۈشىنىپ يهتمىدۇقبىلىم مىراسلىرى ۋە بىلىم ئۈگۈتلىرىنىڭ ئهھمىيىتىنى

نىڭ جهمئىيهتشۇناسلىق، مهدەنىيهتشۇناسلىق، مائارىپشۇناسلىق، >> قۇتادغۇبىلىك<<

بىلىمشۇناسلىق، باشقۇرۇش ئىلمى تهرەپلىرىدىكى ئىلغار ھهم يىراقنى كۆرەر دۇردانىلىرىنى قېزىشنىڭ

هسهرلىرى بىلهن كۆزىمىزنى ئالىچهكمهن ئورنىغا دېئىل كارنىگ، ناپولېئون خېل قاتارلىقالرنىڭ ئ

بۇ، ئۆتمۈشتىكى نادانلىقنىڭ . قىلىپ، ئهنئهنىمىزدىكى بىباھا ئهقلىي بايلىقالرغا تۇزكورلۇق قىلدۇق

.بۈگۈنكى زامان ۋارىيانتىدىن باشقا نهرسه ئهمهس

ا بىلىم ئىجادىي تهپهككۇرنىڭ مهھسۇلى، ئۇنى كىم ياراتقان بولسا ئۇ ئالدى بىلهن شۇنىڭغ

ئىجادكارلىق خىسلىتىنىڭ يىلتىزى بىر مىللهتنىڭ تهپهككۇر . مهنسۇپ، ئاندىن باشقىالرغا مهنسۇپ

پهقهت شۇ خىسلهتنى يوقاتمىغانالرال باشقىالرنىڭ . ئهنئهنىسىدە ۋە ئۇنىڭ ئىزچىللىقىدا بولىدۇ

ئىجادىيهت مېۋىسىدىن توغرا پايدىلىنىش الياقىتىگه ئىئهقىل مېۋىسى ۋە شهيتان

[align=center]ئهقىل مېۋىسى ۋە شهيتان

Page 17: Abdiqadir jalalidin[(uyghurlar vqvn bilim)digen kitabidin ariye ]

مىللهت ، بۈگۈن ۋە كهلگۈسىبىز ۋە

————————————————————————————————————————————————— com.uyebook.www://http/ ئۇيغۇر ئېلكىتاب تور بېتى

17

ئابدۇقادىر جااللىدىن

. پهن بىلهن سهنئهت يۈتكۈل دۇنياغا مهنسۇپ، ئۇالرنىڭ چېگرىسى يوق

[align/]گېيوتى -

1

دەرۋەقه ، ئهقىلغۇ . خىرىستىئانالر خۇدانى ئهقىل بىلهن ، شهيتاننى ھېىسسىيات بىلهن سۈپهتلهيدۇ

. ھهيۋەت ، ھېسسياتمۇ ئۆزىنىڭ نازاكىتى بىلهن سېهىرلىكئۆزىنىڭ يۈكسهكلىكى بىلهن

ئهمما ، شۇنى نهزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەككى ، ئهقىل بىلهن ھېسسيات تامامهن ئايرىم

بىرىنىڭ سۈپىتىنى ۋە ماھىيىتىنى ئاستىرتتىن ئۆز ئارا بهلگىلىشىدىغان - نهرسىلهر ئهمهس ، بهلكى بىر

ئهقىل بىلهن ھېسسىياتنىڭ بىر تۇتاشلىقى ئادەم ئارقىلىق . مۇناسىۋەتلىك تهرەپلهردۇر

ئاڭ دەل ئاشۇ ئهقىل بىلهن ھېسسياتنىڭ بىر . مهلۇمكى ، ئادەم ئاڭلىق ھايۋان .كونكرېتالشقان

ئهقىل ئۈستۈنلۈكى ئادەمنىڭ پهننىي ماھىللىقىنى ، بۇالرنىڭ قايسى بىرى . پۈتۈنلۈكىدىن ئىبارەت

شۇڭالشقا ، . ئالسۇن ، بىرى يهنه بىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى بولىدۇ كونكرېتلىق سهھنىسىدە رول

كۆپ چاغالردا . ئادەمدە ئهقىل بىلهن ھېسسياتنىڭ زىددىيىتى دائىم يۈز بىرىپ تۇرىدۇ

دېگهن " بهندە. "نىڭ ۋەسۋەسىسى ئادەمنى ئهقىلىي ئاسىيلىققا گىرىپتار قىلدۇ )ھېسسىيات(شهيتان

ئاەەم ئاتا ۋە ئانىنىڭ بالىلىرى تا ھازىرغىچه ئهقلىي . دەل مۇشۇ يهردە ئىبارىنىڭ مهنتىقىي مهزمۇنى

ۋە ھېسسىي يول بىلهن تىنچلىق ، پاراغهت ئىزدەپ كهلگهن ، ھهتتا ئهقىلنىڭ بۈگۈنكىدەك يۈكسهك

ئۆزىنىڭ روھىيهت ئالىمىدىكى ) ھېسسىيات(پهللىسىگه چىققان بولسمۇ ، لېكىن غهيرىي ئهقىلنىڭ

ئادەمنىڭ جهڭگىۋارلىقى ئهنه شۇ ئهقىل بىلهن ھېسياتنىڭ . ان يوقىتىپ قويمىدى ئورنىنى ھېچقاچ

بىر . توقۇنۇشىنى كهلتۈرۈپ چىقدىغان تراگېدىيه ئىچىدە تۇر سۈيىگه غهرق چىلىنىپ ياشايدۇ

ناملىق ئهسىرىدىكى " فائۇست"ئادەمنىڭ روھىدىكى بۇ سىرلىق مهنزىنى نېممىس شائىرى گېيۇتىنىڭ

. ىلهن فائۇست ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت جهريانىدىن تهپسىلىي كۆرەلهيمىز مېفىستافىل ب

مېفىستافىل فائۇستنى ئۆزىنىڭ شهيتانلىق ھۈنىرىنىڭ ئىجراچىسى قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ ، فائۇست

. پاراسىتى بىلهن غايىب ئورۇنغا چىقتى- ئۆزىنىڭ ئهقىل

زمۇننىڭ بېسارەتچىسى ، شۇڭالشقا ، ئىنسانغا ئهقىل قانداقال بولسۇن ، ئىنسان ئهقىلدىن ئىبارەت مه

Page 18: Abdiqadir jalalidin[(uyghurlar vqvn bilim)digen kitabidin ariye ]

مىللهت ، بۈگۈن ۋە كهلگۈسىبىز ۋە

————————————————————————————————————————————————— com.uyebook.www://http/ ئۇيغۇر ئېلكىتاب تور بېتى

18

ھېسسياتتىن تۇغۇلغان ئارزۇ ھهر دائىم ئهقىلنىڭ ۋاسىتىسى بىلهن ئهمهلگه ئاشقان ۋە . كېرەك

رىۋايهتلىرىدە بايان قىلىنىشچه ، ئادەم شهيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگه كىرىپ ، " ئىنجىل . "ئاشىدۇ

ىلهن بىر خىل ئۇياتلىق تۇيغۇسى پهيدا بولۇپ ، ئۆزىنىڭ شۇنىڭ ب. ئهقىل مېۋىسىنى يهپ قويغان

خۇدا ئادەمنىڭ يۇقىرىقى . يالىڭاچ بهدىنىنى نىقابالشقا ئۇرۇنغان ، نومۇسلۇق يېرىنى ياپقان

شۇ سهۋەبتىن ، ئاخىرى بىز ياشاۋاتقان . ئاسىيلىقى ئۈچۈن ئۇنى جازاالپ ، جهننهتتىن ھهيدىۋەتكهن

بۇنىڭدىن شۇنداق يهكۈنگه كېلىمىزكى ، ئهقىلمۇ ئادەمنىڭ . دە بولغان بۇ ھاياتلىق دۇنياسى ئاپىرى

. نېسىۋىسى بولۇپ ئۇ پانىي ھاياتتىكى زۆرۈر نهرسه

ئۇ ئىنساننىڭ ھهر خىل . بىراق ، بىز ئۇنىڭ قهيهردىلىكىنى بىلمهيمىز . ئهقىل بىر خىل مۇكهممهللىك

بىلهن بولغان مۇناسۋەتلىرىنىڭ گارمونىيىسى سهزگۈلىرى ، ھايۋانىي ۋە مهنىۋى ھهرىكهتلىرى ، ئالهم

. ، ئۇنى قانداقتۇر بىرەر ئېنىقلىما ياكى كۆرسهتمه بىلهن چۈشهندۇرۇپ بهرگىلى بولمايدۇ

ھېسسىياتنىڭ ئهركىنلىك ئالىمىگه . ئهقىلنىڭ ئهركىنلىك ئالىمىگه بولغان يۈرۈشى ۋاسىتلىك بولىدۇ

. هر ئىككىسى چىنلىقنى ئوكسىگېن قىلدۇھ. بىراق . بولغان يۈرۈشى بىۋاسته بولىدۇ

2

بىزنىڭ بارلىق مهدەنىي مهشغۇالتىمىزنىڭ ھهممىسى گۈزەل ، پاك جهمئىيهت قۇرۇش ئۈچۈن خىزمهت

شۇڭالشقا ، مائارىپنىڭ . مائارىپتىن ئىبارەت بۇ ئاقارتىش ھهرىكىتىمۇ شۇنداق ، ئهلۋەتته .قىلدۇ

مهسىلهن (ى ئۆز ئىچىگه ئالغان ھهر خىل ئىلىملهر بولغان تهركىبىدە ئهقىل ۋە ھېسسياتنىڭ ئامىللىرىن

ناۋادا بۇالر تهڭ ئېلىپ بېرىلمايدىكهن ، ) . ، تهبىئىي پهن ، ئىجتىمائىي پهن دېگهنلهردەك

تهپهككۇردىكى مۇۋازىنهت بۇزۇلۇپ پىكىر يۈزە بولىدۇ ، ھهقىقهت ئۈستىدىكى ئىزدىنىش ساغالم

ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى ۋە . ئالغان قهدىمىمىز ئاستا بولىدۇ بواللمايدۇ ، مۇكهممهللىككه قاراپ

باشقا مهدەنىيهتلىك ئهللهرنىڭ قهدىمكى دەۋرلىرىدىن مهلۇمكى ، ھازىرقىغا نىسبهتهن ساددا

ئىلمىي (، ئىستىلىستىكا ) ئىلمىي نۇجۇم ( ، ئاسترونومىيه ) ئىلمىي مهنتىق (دەۋرلهردىمۇ لوگىكا

، شېئىرىيهت ، تارىخ جۇغراپىيه قاتارلىق پهنلهر دەرىسلىك ) ئىلمىي ھېساپ (، ماتېماتىكا ) فاساھهت

بىزدە يۇقىرىقى پهنلهرنىڭ جهۋھهرلىرىنى ئۆز ئهقىلىي كامالىتىدە . قىلىنىپ تهڭ ئۆتۈلگهن

مۇجهسسهملهپ سىستېمىلىق پهلىسهپىۋى پىكىر يۈرگۈزگهن ئېنسىكلوپېدىك شهخسلهر بۇرۇن بولغان

رى ياكى يۈسۈپ خاس ھاجىپ دەۋرىنى ئهسلهپ باقىدىغان بولساق ، بۇ فارابى دەۋ. ئىدى

. دەۋرلهردىن پهلسهپه ۋە شېئىرىيهتنىڭ يۈكسهك كامالىتىنى تاپااليمىز

ئهمدى سهككاكى ، لۇتفى ، ناۋائىي قاتارلىق نهۋاتور شائىرالر باشالپ بهرگهن شېئىرىيهتنىڭ ھازىرقى

پ باقىدىغان بولساق ، بۇ بىر قانچه ئهسىر مابهينىدە مهيلى دەۋرىمىزگىچه بولغان جهريانىنى ئهسله

شهكىل نۇقتىسىدا ، مهيلى ئىدېئولوگىيه نۇقتىسىدا بولسۇن ، بىر خىل رەۋىشتىكى تهكرارلىنىشنىڭ

مۇشۇ دەۋرلهردىكى شېئىرىيهت تارىخىمىز ئاساسهن ئاشىقلىق داستانىنىڭ . بولغانلىقىنى سېزىمىز

Page 19: Abdiqadir jalalidin[(uyghurlar vqvn bilim)digen kitabidin ariye ]

مىللهت ، بۈگۈن ۋە كهلگۈسىبىز ۋە

————————————————————————————————————————————————— com.uyebook.www://http/ ئۇيغۇر ئېلكىتاب تور بېتى

19

ۋە بولبۇل قاتارلىق سىمۋولىستىك ۋاسىتلهرنىڭ زىكرى قىلىنىشىدىن ئىبارەت قايتىدىن يېزىلىشى ، گۈل

رۇشهنكى ، ناۋائىي ئهنئهنىسى بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا ، راۋاجالندۇرىدىغان نۇقتا ئهمهس ، . بولدى

ناۋائىي نېمه ئۈچۈن ئۆزىدىن بۇرۇنىقى ۋە . ئۇنىڭ ئهكسىچه چوقۇنىدىغان نوقتىغا ئايلىنىپ قالدى

ى بىر قانچه ئهسىرنىڭ ئېستېتىك ئالىمىنى يورۇتالىدى ؟ چۈنكى ، ناۋائىي ئهقىل ۋە كېيىنك

بۇ خهزىنه ئالدى بىلهن ئۆز خهلقىنىڭ مىراسلىرى ، . ھېسسىياتنىڭ خهزىنىسىگه ئايالنغان ئىدى

ىي شۇڭا ، ناۋائ. ئاندىن ھىندىالر ، پارىسالر ، گرېكالر دۇنياسنىڭ گىرۋەكلىرى بىلهن تۇتاشقان ئىدى

شېئىرىيىتى يۈكسهك پهلسهپىۋى قاتالمنى ئۆزىگه سىڭدۈرۈپ ، شۈھرەت سايىسىنى مىسلى كۆرۈلمىگهن

ئۇنىدىن كېيىنمۇ نۇرغۇن ناۋائىيالر ئوتتۇرىغا چىقتى ، لىكىن ، بۇ ناۋائىيالر . كهڭ دائىرىگه يايالىدى

. ناۋائىينىڭ تۇغى ئاستىدىكى ناۋائىيالر ئىدى

مهدەنىيهتنىڭ بىر پۈتۈن قۇرۇلمىسىدا ھهر . بىرىنى شهرت قىلدۇ -يات بىردېمهك ، ئهقىل ۋە ھېسسى

ئهقىل تهرەققىي قىلسا ، ھېسسىياتنىڭ . ئىككىسىنىڭ ئېلېمېنتلىرى تهڭ مهۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ

سهنئهت . پهن تهرەققىي قىلسا ، سهنئهتمۇ تهرەققىي قىلدۇ . ئهۋجىمۇ شۇنچه باالغهتلىك بولىدۇ

. پهننىڭمۇ تهرەققىيات مهنزىرىسى كهيپىيات تهرىقىسىدە ئهكىس ئېتىدۇتهرەققىي قىلسا ،

لېكىن ، بۈگۈنكى . ھازىرچه سهنئىتىمىزنىڭ رېئال سهۋىيسى ئۈستىدە گهپ ئاچماقچى ئهمهسمىز

سهۋىيىمىزدىن قانائهت تاپمايدىغانلىقىمىز ، بهلكى ئهھۋالىمىزدىن خۇرسىنىش ئىچىدە

كهرەشمىلىك پهردىسىنى -سهنئىتىمىزنىڭ كۆزنى چاقنىتىدىغان ناز. يان قالىدىغانلىقىمىز ھهممىگه ئا

. رەھىمسزلىك بىلهن قايرىساق ، ئۇنىڭدىكى پىكىر نامراتلىقى مانا مهن دەپ چىقىپ قالىدۇ

گهرچه يوقتىن بار بولغان (تېلېۋىزىيىلىرىمىزدىكى قاالقلىق - ئۇنىڭدىن باشقا مهتبۇئات ، كىنو

شۇنى دېمهي . ىنى نېگىز قىلغان ئهقىل نامراتلىقىنى ئاشكارىاليدۇ پهن ۋە تېخنىك) بولسىمۇ

بولمايدۇكى ، ئهقىل نامراتلىقى سىياسىي ، ئىقتىساد ، مهدەنيهت جهھهتتىكى نامراتلىقنىڭ

. سهۋەبچىسى ، تارىختىكى ھهر قانداق سهۋەنلىك يهنىال ئاشۇ ئهقىلنىڭ پهللىسى بىلهن باغلىق

ڭدىن كېلىپ چىققان كېسهللىك مائارىپىمىزدا تېخىمۇ روشهن ئهكىس ئهقىل نامراتلىقى ۋە بۇنى

ئادەتتىكى ئالىي مهكتهپ ، ھهتتا چوڭالر ئالىي مهكتهپلىرىدىكى ئوقۇغۇچىالرغا نهزەرىيه . ئهتمهكته

ھېكايه ، قىسسه ، : دەرس ئۆتكهندە ، ئوقۇغۇچىالر مۇنداق بىر خاھىشنى ئورتاق ئىپادىلىمهكته

بىراق ، دەل شۇالر ئۈستىدىكى . هندە ئوقۇغۇچىالر خېلى ئوبدان روھلىنىپ قالىدۇ لهتىپىلهر سۆزلىگ

ئهقىلىي خۇالسىنىڭ مېۋىسى بولغان نهزەرىيه ۋە پهلسهپه سۆزلهنگهندە ، ئۇالرنىڭ دىققىتى

پهلسهپه ، لوگكا ۋە ئېستېتسكىدىكى ئۇقۇمالر شهرھلىنىۋاتقان جهرياندا ، ئۇالردا بىر خىل . چېچىلىدۇ

ئهلۋەتته ، ئهقىل (نهتىجىدە ، نهزەرىيىۋى بىلىملهر . گىراش ، زېرىكىش ئاالمهتلىرى يۈز بېرىدۇ گاڭ

مانا بۇ . قانچىلىك يېڭى بولۇشىدىن قهتئىينهزەر قوبۇل قىاللمايدۇ ) ئۆرنهكلىرى

. ئىپادىسىٿئهمهلى�بۈگۈنك�نامراتلىقىنىٿئهقىٿداۋامالشقاٿئۇزا–

Page 20: Abdiqadir jalalidin[(uyghurlar vqvn bilim)digen kitabidin ariye ]

مىللهت ، بۈگۈن ۋە كهلگۈسىبىز ۋە

————————————————————————————————————————————————— com.uyebook.www://http/ ئۇيغۇر ئېلكىتاب تور بېتى

20

ىزدا نهزەرىيۋى سىستېمىنىڭ بولماسلىقى ، تهتقىقاتلىرىمزدا خاس ، سهنئهت ئوبزۇرچىلىقىم- ئهدەبيات

. ئۈنۈملۈك مېتودنىڭ بولماسلىقى يۇقىرىقىالر بىلهن مۇناسىۋەتلىك

" پىكىر قىلىشتۇر-دۇنيادىكى ئهڭ مۈشكۈل ئهمگهك: "ئامېرىكىلىق شائىر ۋە پهيالسوپ ئېمىرسون

ئهمگهك بىلهنال ئهمهس ، بهلكى جىسمانىي ئهمگهكنىڭ مهزمۇنى يالغۇز جىسمانىي.دېگهن ئىدى

ئاڭ يۈكسهك دەرىجىدە تهرەققىي .ئهمگهك بىلهن ئهقىلىي ئهمگهكنىڭ بىرلىكىدىن ھاسىل بولدۇ

قىلغان بۈگۈنكىدەك زامانىۋى مۇھىتتا ، ئهقىلىي ئهمگهك ئهمگهكنىڭ مهزمۇنىنى گۈزەلىك

ۇڭالشقا ، ئهقىلي ئهمگهك قىاللمىغانالر ش. دەرىجىسىگه كۆتۈرىدىغان ئاساسلىق تهركىبكه ئايالندى

ئهپسۇس ، بىز ئهقىل . مهنىۋىيىتى پاجىئهلىك كېسهللىككه گىرىپتار بولغان ھۇرۇنالر ھېسابلىنىدۇ

. جهھهتته تولمۇ قاششاق

نېمىسالرنىڭ مهدەنىيهت تارىخى ئۇالرنىڭ خاراكتېرىدىكى جهڭگىۋارلىقىنى ، قاتتىق پىكىرلىك

كانىت ، گېگىل ، فېييېرباخ ، لىئوبىنېز ، گېيوتى ، بىتخوۋىن قاتارلىق . لىدۇ مىجهزىنى نامايهن قى

ئۇالرنىڭ ئىدېئولوگىيىسى ماركسىزم . دۇنياۋى مۆجىزىكارالر ئاشۇالرنىڭ قوينىدا تۇغۇلغان

بىرىنىڭ راۋاجىنى -ئۇ يهنىال ئهقىل ۋە ھېسسيات ئامىللىرىنىڭ بىر. مهنبهلىرىنىڭ بىرى بواللمىغان

. ۈپ چىقىرىدىغانلىقىغا دائىر تارىخى پاكىتكهلتۈر

پهلسهپه بۇ ئىككى خىل ئويغىنىشنىڭ . ئهقىلنىڭ ئويغىنىشى -ھېسسياتنىڭ ئويغىنىشى ، پهن- شېئىر

دېگهن " ماڭا بىر دانه چېكىت بهرسهڭ ، يهر شارىنى يۆتكىۋېتهلهيمهن : " ئارخېمىد . بهلگىسى

. ئىدى

اچقا ئۆزىنىڭ ئىلهامىنى گېئومېتىرىيىدىكى چېكىت ئارقىلق ئارخېمىد ماتېماتىكا ئالىمى بولغ

. مېنىڭچه ، بۇ پىكىردە ھهم شېئىر ، ھهم پهن ، ھهم پهلسهپه بار. ئىپادىلگهن

3

تهپهككۇر يۈكسهكلىكىگه ھهقىقىي ئېرىشهلىگهن كىشى ئىدېئولوگىيىنى خىلمۇ خىل پاسىلالر بىلهن

تنى بىر بۆلۈۋەتمهيدۇ ، جۈملىدىن پهن بىلهن سهنئه

بىر قىسىم ئېستېتىكالر . قۇتۇپالرغا ئايالندۇرۇپ قويمايدۇ �قارش�قارىمٿكهلمهيدىغاٿيېقى�بىرگ‿

؛ ئوخشاشال بىر قىسىم ) مهسلهن ، كروچى (سهنئهتنى بىۋاسته سېزىمنىڭ مهھسۇلى ، دەپ قارايدۇ

مهسلهن ، ( ىدۇ ئالىمالرمۇ پهن ساھهسىدىكى يېڭى بايقاشالرنى بىۋاسىته سېزىم بىلهن چۈشهندۈر

نىسپىيلىك نهزەرىيىسى دۇنياغا كېلىشتىن بۇرۇن ، ئېنىشتىيىندا مۇنداق بىر ئاالمهت ) . ئېينىشتىيىن

بىر كۈنى ئهتىگىنى ئېينىشتىيىىن ئۇخالش كىيىمى بىلهنال تاماق شىرەسىنىڭ : كۆرۈلگهن ئىكهن

ر خىل بىئاراملىق ئهكىس ئېتىپ ئۇنىڭ چىرايىدا بى. لېكىن ، ھېچنهرسه يېمىگهن . ئالدىغا كهلگهن

ئۇ بىر ئىستاكان قهھۋەنى زورالپ ئىچكهندىن كېيىن پىئانىنونىڭ ئالدىدا بىر ھازا ئولتۇرۇپ . تۇرغان

ئۇ پىئانىنونى چېلىشتىن توختاپ . شوخ بىلهن چالغان - كهتكهن ، ئارقىدىنال پىئانىنونى زوق

Page 21: Abdiqadir jalalidin[(uyghurlar vqvn bilim)digen kitabidin ariye ]

مىللهت ، بۈگۈن ۋە كهلگۈسىبىز ۋە

————————————————————————————————————————————————— com.uyebook.www://http/ ئۇيغۇر ئېلكىتاب تور بېتى

21

دېگهن " مۇ قىيىن ئاجايىپ بىر ئوي ، لېكىن دەپ بىرىش تول: "ئايالىغا

شۇندىن . تاپىالپ كۇتۇبخانىسىغا كىرىپ كهتكهن �چهكمهسلىكىنٿئىشى�ھېچكىمنى��ي‿

باشالپ ئىككى ھهپتىدىن كېيىنال دۇنيانى زىلزىلىگه كهلتۈرگهن نىسپىيلىك نهزەرىيىسىنى ۋۇجۇقا

. چىقاردى

قاندا ، لېكسىيه سۆزلهۋات�شتاتىد�كالىغورنىي�ئامېرىكىنىٿئېينىشتىيى�يىل‿ 1926

چاپلىن نىسپىيلىك نهزەرىيسىنىڭ قانداق مهيدانغا . چاپلىن بىلهن ئۇچراشقان ئىدى .چارلىز

بۇنى ئاڭلىغان . كهلگهنلىكىنى سورىغاندا ، ئېينىشتىيىننىڭ خانىمى يۇقىرىقالرنى سۆزلهپ بهرگهن

سهنئهتكار ئېينىشتىيىن ئهپهندى ، سىز ھهقىقهتهن بىر رومانتىزمچى : " چاپلىن قايىل بولۇپ

. دېگهن" ئىكهنسىز

تهپهككۇر جهھهتتىن لىرىك شېئىرغا ئوخشاپ كېتىدىغان نىسپىيلىك . چاپلىن ناھايىتى توغرا ئېيتقان

نهزەرىيىسى ئالهم فىزىكىسىدىكى مۇتلهق ، روشهن ئۇقۇمالرنىڭ ئالهمنىڭ ھهرىكهت قۇرۇلمىسىدىكى

كى نىسپىيىلىك قانۇنىيىتىنى چۈشهندۈرۈپ ئهمهلىيهتكه قويۇشى ئارقىلىق مهۋجۇتلۇق ۋە ئۇقۇمدى

. مانا بۇ يۈكسهك ئهقلىيلىكتىن كهلگهن بىۋاسته سېزىم ۋە ئاالھىدە سهنئهت. بهردى

. نهزەرىيه نېمه ئۈچۈن مۇھىم ؟ چۈنكى ، ئۇ ئهمهلىيهت بىلهن ئىزچىل مۇناسىۋەتلىك بولۇپ تۇرىدۇ

بىراق ، . قارىماققا مۇتلهق ۋە روشهندەك كۆرۈنىدۇ ئااليلۇق ، ماتېماتىكىدىكى ئۇقۇمالر ۋە فورمۇلىالر

بىز ئۇنى چهكسىز ئالهمدىن ئىبارەت ئارقا كۆرۈنۇشى بىلهن باغالپ قارىساق ، ئۇنىدىكى مۇتلهقلىق

بىراق ، ئهمهلىيهتنى چۈشىنىش ئۈچۈن . ۋە روشهنلىك يوقىلىپ ، نىسپىيلىك ۋە غۇۋالىققا ئايلىنىدۇ

فورمۇال قاتارلىق ئهقىل ئاالمهتلىرى بىلهن تولغان پهۋقۇلئاددە تىل ۋە) مودېل (ئۇقۇم ، ئهندىزە

بۇ تىل ماھىيهتته بىزنىڭ ئهمهلىيهت بىلهن بولغان مهنىۋى . كېرەك ) كهسپىي تىل (

مۇناسىۋىتىمىزنىڭ ھالقىلىرى بولۇپ ، مۇكهممهللىك ۋە ھهقىقهتكه يېتىشتىن ئىبارەت غايه ئارقىلىق

ئومۇمهن ، ماتېماتىكىنىڭ رېئاللىق بىلهن بولغان مۇناسىۋىتى چىنلىق . شىدۇ گۈزەللىك قىممىتىگه ئېرى

چىنلىق . سهنئهتنىڭ غايه بىلهن بولغان مۇناسىۋىتى گۈزەللىك ئۈستىگه قۇرۇلىدۇ . ئۈستىگه قۇرۇلىدۇ

بىلهن سهنئهت تهپهككۇر شهكلىدە باشقا �ماتېماتىك�دېمهكتۇٿگۈزەللى‿

. بىر خىل ئورتاقلىقنى ئىپادىلهيدۇ�ردنۇقتىال�يۇقىرىق��بولسىم�باشق‿

ماتېماتىكا ئۆزىنىڭ ئىپتىدائىي باسقۇچىدا مول ئېستېتىكىلىق مهزمۇن ۋە ئېستېتىك ئاالھىدىلىككه

لېكىن ، كېيىنىكى دەۋرلهرگه كهلگهندە ، پهنلهر تهرەققىي قىلىپ ، ماتېماتىكا ، ئېتىكا ، . ئىگه ئىدى

ئۆزلىرىنىڭ ٿنوقۇ��يىراقالشتۇرۇلۇٿبىرىدى‿لهر سۈپىتىدە بىر ئېستېتىكا قاتارلىقالر ئايرىم پهن

نهتىجىدە ، ماتېماتىكا ئىستېمالدىن ئىبارەت تار دائىرىدە . دائىرىسىگه چۈشۈپ قويۇلدى

ماتېماتىكا تهرەققىي قىلىپ ، بۈگۈنكى دەۋرگه كهلگهندە ، يۇقىرىقى پهنلهر بىلهن . چۈشىنىلدى

. اسقۇچىدىكى مهنىسى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىدىغان بولدى تۇتىشىپ ، ئۆزىنىڭ ئىپىدائىي ب

Page 22: Abdiqadir jalalidin[(uyghurlar vqvn bilim)digen kitabidin ariye ]

مىللهت ، بۈگۈن ۋە كهلگۈسىبىز ۋە

————————————————————————————————————————————————— com.uyebook.www://http/ ئۇيغۇر ئېلكىتاب تور بېتى

22

ئۇالر پهننىڭ ئاشۇ ساددا دەۋرىدە تۇرۇپمۇ ، . ماتېماتىكا پالتون ، پىغاگورالر دەۋرىگه قايتتى

ماتېماتكىنىڭ غايه ۋە گۈزەللىك ئۈستىدىكى ئىزدىنىشته مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقنى تونۇپ

دەپ سۈپهتلىگهن ، ھهتتا ئۇ ئۆزى " چوشقا "هرنى پالتون بۇنى تونۇپ يهتمىگهنل. يهتكهن

گېئومېتىرىيه بىلمىگهنلهرنىڭ كىرىشىگه " مۇدەررىسلىك قىلىدىغان مهدرىسنىڭ دەرۋازىسىغا

. دېگهن پالكاتنى ئېسىپ قويغان" رۇخسهت يوق

پهككۇر گۈزەللىكى ئۇنداقتا ، ته. بۇ بىر پارچهشېئىر ياكى بىر پارچه رەسىم ئۈستىدە كېكهچلهۋاتىمىز

!ئۈستىدىكى مۇھاكىمىدىن سۆز ئاچقىلى بوالتتىمۇ ؟

ھهر خىل چېگىش ئامىلالرنىڭ مۇرەككهپ رولى تارىختىكى ئاجايىپ زور تاسادىپىيلىقالرنى .4

نوقۇل . شۇڭا ، تارىخنى نوقۇل سهنئهت بىلهنال ياراتقىلى ، ئىزاھلىغىلى بولمايدۇ . كهلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

بىرىنى ئارقا كۆرۈنۇش قىلىش -بۇالرنى چوقۇم بىر. ت يولىمۇ مهڭگۈلۈك بواللمايدۇ غهيرىي سهنئه

شهيتان بولمىغان بولسا ئهقىل مېۋىسىنى يېيىشىمىز ناتايىن بوالر ئىدى ، ئهقىل بولمىغان . كېرەك

. بىراق ، بىز ھازىرقى شارائىتتا ، ئهقىلگه كۆپرەك موھتاج. بولسا شهيتاننى يېۋەتكهن بوالتتۇق

بىر مىللهتته ، بىر دەۋردە كىشىلهر كۈتكهن بىر سهنئهتكار ، بىر ئالىم ، بىر پهيالسوپ مهيدانغا

كېلىدىغان ، شۇ مىللهت ،شۇ دەۋر ئۈچ دانكونىڭ يۈرىكىگه ئىگه بولىدۇ

تۈگىدى

سلى تۈزۈپ چىققان ھهرقانداق ئېلكىتابنىڭ ئه>> ئۇيغۇر ئېلكىتاب گۇرۇپپىسى<<: بايانات

ماتىرىيالنىڭ ئاپتۇرلۇق ھۇقۇقى شۇ ماتېرىيال يولالنغان توربهت ھهم شۇ توربهتكه يوللىغۇچى

!!! ئاپتۇرغا مهنسۇپ

تۈزۈپ چىققان ئېلكىتابالر پهقهت ئۆگىنىش ۋە بىرقىسىم >> ئۇيغۇر ئېلكىتاب گۇرۇپپىسى<<

ڭدىن باشقا سودا ئىشلىرى پايدىالنغۇچىالرنىڭ ئوقۇپ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تورغا يولالندى ، ئۇنى

ئهگهر قانۇنسىز باشقا ساھهلهردە ئىشلىتىلىپ بىرەر ئاقىۋەت . قاتارلىقالرغا ئىشلىتىش مهنئىي قىلىنىدۇ

ئۇيغۇر ئېلكىتاب <<. كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكه شۇ ئىشلهتكۈچى ئۆزى مهسئول بولىدۇ

!!!!!تىگه ئالمايدۇ بۇ جهھهتته ھېچقانداق مهسئولىيهتنى ئۆز ئۈس>> گۇرۇپپىسىتۈزگهن ھهرقانداق ئېلكىتابقا نىسبهتهن >> ئۇيغۇر ئېلكىتاب گۇرۇپپىسى<<يۇقىرىقىالردىن باشقا

.بىلهن بىۋاسىته ئاالقىالشسىڭىز بولىدۇ >> ئۇيغۇر ئېلكىتاب گۇرۇپپىسى<<تهلهپلىرىڭىز بولسا -پىكىر 55451683: توپى QQنىڭ >> ئۇيغۇر ئېلكىتاب گۇرۇپپىسى<<

Page 23: Abdiqadir jalalidin[(uyghurlar vqvn bilim)digen kitabidin ariye ]

مىللهت ، بۈگۈن ۋە كهلگۈسىبىز ۋە

————————————————————————————————————————————————— com.uyebook.www://http/ ئۇيغۇر ئېلكىتاب تور بېتى

23

كۈنى - 9 ئاينىڭ- 3يىلى– 2008

جىنهن--- شهندۇڭ