4

Click here to load reader

jennet_mominler_ucun_allahning_bishariti.pdf

Embed Size (px)

DESCRIPTION

uyghur islam

Citation preview

Page 1: jennet_mominler_ucun_allahning_bishariti.pdf

جهننهت مۆمىنلهر ئۈچۈن

ىتىبىشارئالالھنىڭ

]ئۇیغۇرچه[

الجنة بشارة اهللا للمؤمنین]باللغة األویغوریة[

تالىب-شهیخ سالىھ ئىبنى مۇھهممهد ئال: خاتىپ

الشیخ صالح بن محمد آل طالب : الخطیب

سهیپىددىن ئهبۇ ئابدۇلئهزىز: تهرجىمه قىلغۇچى عزیزسیف الدین أبو عبد ال: المترجم

تهمكىنى. ن: تهكشۇرۇپ بىكىتكۇچى

تمكیني. ن: المراجعة

رىیاد شهھرى رەبۋە رایونى دىن تهشۋىقات ھهمكارلىق مهركىزى

المكتب التعاوني للدعوة وتوعیة الجالیات بالربوة بمدینة الریاض

1429 – 2008

Page 2: jennet_mominler_ucun_allahning_bishariti.pdf

1

جهننهت مۆمىنلهر ئۈچۈن بىشارەتتۇر

كۈنىدىكى جۈمه خۇتبىسىنىڭ قىسقىچه مهزمۇنى- 12ئاینىڭ -09یىلى - 2008

دۇرۇتالر سانا، پهیغهمبهر ئهلهیھىسساالمغا -ئىمام ئالالھ تائاالغا ھهمدۇ

جۈمه نامىزى ئۈچۈن یىغىلغان ئوقۇپ بولغاندىن كېیىن ھهرەمدە

: یۈزمىڭالرچه مۇسۇلمانالرغا

دېگهن " ئىبادەت قىلغانالر ئۈچۈن ئالالھ جهننهت بىلهن بىشارەت بهردى "

:مهزمۇندا تۆۋەندىكى تهۋسىیه لهرنى قىلدى

! مهخپى ھالالردا تهقۋا قىلىڭالر - ئاشكارا! ئى مۇسۇلمانالر ئالالدىن قورقۇڭالر

. سائادەتكه ئېرىشتۈرىدۇ-ئاخىرەتته بهخت -ى دۇنیا تهقۋادارلىق ئىنسانن

ئالالھ بۇیرىغان ئىشالرغا ئالدىراش، ئالالھ توسقان ئىشالردىن یىراق بولۇش

.ھهقىقىي تهقۋادارلىقتۇر

ئالالھ ئابىدالرغا جهننهت بىلهن بىشارەت بهرگهن، ئۇالرغا جهننهتنى ۋەدە

ىڭ ماقامىدىن قورققان پهرۋەردىگارىن:"ئالالھ قۇرئان كهرىمدە. قىلغان

جهننهتتىن سۆز ئېچىش ئىنسانغا ". كىشى ئۈچۈن قوش جهننهت باردۇر

یاخشى ئهمهللهرنى قىلغانالر . تىریاققا ئوخشاش تهسهللىي ۋە روھى ئوزۇقتۇر

ئۈچۈن جهننهت بىلهن بىشارەت بېرىش ئالالھ تهرەپتىن بىرىلگهن

نىڭ قهلبى جهننهتكه یاخشى ئهمهلنى كۆپ قىلغانسېرى ئىنسان. بىشارەتتۇر

جهننهت ھهقىقهتهن یاخشى ئهمهل قىلغان، ئىبادەت قىلغانالر . تهلپۈنىدۇ

جهننهت ئهۋلىیاالر، ئهنبىیاالرنىڭ . ئۈچۈن ئالالھنىڭ ۋەدە قىلغان جایىدۇر

جهننهت ھهققىدە سۆز قىلىش روھالرنى ئۇرغۇتىدۇ، ئىنسانغا گۈزەل . جایىدۇر

Page 3: jennet_mominler_ucun_allahning_bishariti.pdf

2

قىلىشقا تۈرتكه هت ئىنسانغا ھىممهتجهنن. باغ، بوستانالرنى ئهسلىتىدۇ

بولۇش بىلهن بىرگه دىلنى یۇمشىتىدۇ، ھىممهتنى ئاشۇرىدۇ، روھنى

جهننهتكه الیىق بولغانالر ئۈچۈن . تازىالیدۇ، ئهھلى ئىمانغا بىشارەت بېرىدۇ

-ئالالھ تائاال جهننهتته نېمىلهرنى تهییارلىغانلىقى، جهننهتتىكى نازۇ

. كهنلىكىنى ئهسلىتىدۇنېمهتلهرنىڭ ئىنسان تهسهۋۋۇرىدىن تاشقىرى ئى

. جهننهتته ئىنساننىڭ كۆڭلىگه كىلىدىغان ھېچقانداق ئىش یۈز بهرمهیدۇ

جهننهتتىكى سارایالر بۇ دۇنیادىكى ھهرقانچه كۆركهم سارایالردىن كۆركهم ۋە

جهننهتته كۆز كۆرمىگهن، قۇالق :"ئازادە ئىكهنلىكىنى ئالالھ تهسۋىرلهپ

هننهتتىكى مېۋىلهر، گۈزەل قىزالر، ئۈنچه ج. دەیدۇ" ئاڭلىمىغان نېمهتلهر بار

زەپهلهردىن یاسالغان ئهتىرلهر، -مهرۋایىتالر، سۈتتىن ئۆستهڭلهر، ئىپار

. پهتنۇسالر باردۇر-كۈمۈشتىن یاسالغان قاچا-ئالتۇن

جهننهتتىكى ئایالالرنىڭ تهسۋىرى شۇنداقكى، ئایالالرنىڭ تاشقى جامالى

ىڭ ئىچكى دۇنیاسىنىڭ گۈزەللىكى شۇنداق گۈزەل بولغاندىن سىرت ئۇالرن

زىمىن -شۇنداقكى، ئۇالردىن بىرى دۇنیاغا ئۆزىنى كۆرسهتسه ئاسمان

دۇنیادا یاخشى ئهمهل قىلغان ئایالالر . خۇشپۇراق ئهتىرگه چۆمۈپ كېتىدۇ

جهننهتته شۇنداق ھۆرىلئهین بولۇشقا الیىق بولۇپ دۇنیادا یاخشى كۆرگهن

جهننهت ئهھلىگه نىدا قىلغۇچى شۇنداق . جۈپتى بىلهن بىرگه بوالالیدۇ

قىلىدۇكى، ئى جهننهت ئهھلى پهرۋەردىگارىڭالر سىلهرنىڭ نىدا

زىیارىتىڭالرنى قوبۇل قىلىدۇ، قېنى زىیارەت قىلىڭالر دەیدۇ، جهننهت

ئهھلى دەرھال لهببهي ئېیتىپ ئورنىدىن تۇرۇپ، رەببىنىڭ جامالىنى

ىشىدۇ، پۈتۈن ئهتراپ نۇرغا تولۇپ كۆرۈشكه تهشنا بولۇپ، ساپاالردا ئولتۇر

ئۇالر . ئۇالرغا ئۆزىنىڭ نۇرى بىلهن تهجهللى قىلىدۇ ئالالھ . كېتىدۇ

Page 4: jennet_mominler_ucun_allahning_bishariti.pdf

3

ئالالھ . بېشىنى كۆتۈرۈپ قارایدۇ دە ئالالھنىڭ جامالىنى كۆرىدۇ

ئالالھ ئۇالرغا ئى جهننهت ئهھلى . بهندىلىرىگه قاراپ تهبهسسۇم قىلىدۇ

ىق جهننهت ئهھلى ئهلالھۇممه ئهنتهسسهالم ئهسساالمۇ ئهلهیكۇم دەیدۇ دە بارل

قىنى . ۋەمىنكهسساالم تهبارەكته رەببهنا یازەلجهاللى ۋەلئىكرام دەیدۇ

یهڭلىرىمىزنى تۇرۇپ بۇ ئۇلۇغ ئاینى چىقىش قىلىپ ! قېرىنداشالر

ئالالھنىڭ جامالىنى كۆرۈشكه مۇیهسسهر بولۇشنى قولغا كهلتۈرۈش ئۈچۈن

. ىشایلىھایاتىمىزنىڭ ئاخىرىغىچه تىر